باش بەت

ئابلەت مۇھەممەت

211يوللانما
0مەستانە

نېمىشقا كىچىك ماشىنا، يۈك ماشىنىسى، ئايروپىلان، پاراخوتلارنىڭ يېقىلغۇسى ئوخشىمايدۇ

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-18 15:32 0 ئىنكاس چۈشتى


    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
    بېنزىن ماتورىنى ياساش قىيىنلىقى تۆۋەن، ھەجىمى كىچىك، يېنىك، خىزمەت ئايلىنىشى نسبەتەن يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېنزىن دىزېلغا قارىغاندا ئاسان ئوت ئالىدۇ، پارتلاپ سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىسلىش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلگەن، ئوت يېقىش شەكلى قوللىنىلغان، ئايلانغاندا مۇقىم، شاۋقۇنى تۆۋەن، يۇقىرى سۈرئەتتە ئىقتىدارى ياخشى، تۆۋەن سۈرئەتتە بۇرۇلۇشى ناچار. شۇڭا كىچىك ماشىنىلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.

    دىزېل ماتورىنىڭ خىزمەتتىكى ئايلىنىش تېزلىكى تۆۋەن، قىسىلىش نىسبىتى يۇقىرى، بېسىم بىلەن كۆيدۈرۈش شەكلى قوللىنىلغان، ماتورنىڭ مۇتلەق سۈپىتىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا مۇناسىپ ھالدا زورايتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۈنۈمى بېنزىن ماتورنىڭكىدىن يۇقىرى، ئەمما سەل كېلەڭسىز، شاۋقۇنى چوڭ، تۆۋەن سۈرئەتتە بۇرۇلۇشى ناھايىتى ياخشى، ئەمما يۇقىرى سۈرئەتتىكى ئىقتىدارى ناچار، شۇڭا ئېغىر نەرسىلەرنى قاچىلايدىغان نىسبەتەن چوڭراق چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    كېمە- پاراخوتلارنىڭ ئاساسى ماشىنىسى بولسا ئەمەلىيەتتە تۆۋەن سۈرئەتلىك ئىككى ھالقىلىق ماتور، مازۇت (ئېغىر ماي) كۆيدۈرىدۇ، ئەڭ يۇقىرى ئايلىنىش تېزلىكىمۇ يۈز ئەتراپىدا بولىدۇ، چۈنكى ئايلىنىش تېزلىكى تۆۋەن بولغانسېرى ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسى ماتورنىڭ ئۈنۈمىدىنمۇ يۇقىرى، ئاساسلىقى مازۇتنىڭ ئەرزانلىقى. ئەمما مازۇت كۆيدۈرىدىغان ماتورنىڭ سۈرئەت ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ناچار، بۇلغىمىسى چوڭ. مازۇتنىڭ كېمە- پاراخوتلارغا ئىشلىتىلىشى ئىقتىساد تەرەپنى ئويلاشقاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئامىللار بولۇپ، ئەڭ بۇرۇنقى كېمىلەردە پار ماشىنىسى ئىشلىتىلگەن، مەيلى قايتىلانما ھەرىكەتلىك بولسۇن ياكى تۇربىنىلىق بولسۇن، ھەممىسى مازۇت ئىشلىتىش ئارقىلىق سۇنى قاينىتىپ ھور ماشىنىسىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەتتا جۇڭگوغا كەلگەن 051 بىرگادىسىنىڭ چوڭ تىپلىق پاراخوتىدىمۇ مازۇت كۆيدۈرۈلىدىغان ھور ماشىنىسى بار ئىدى. ئەمما ھازىرقى مازۇت مېيى بۇرۇنقىغا ئانچە ئوخشىمايدۇ،  سۈپىتى بۇرۇنقىدەك ئۇنداق ناچار ئەمەس، نۇرغۇنلىغان كېمە-پاراخوتلار مازۇتنى دىزېل مېيى ئورنىدا، بىۋاسىتە ئىچىدىن يانىدىغان ماتورغا ئىشلىتىدۇ، ھەتتا گاز تۇربىنىسىغىمۇ ئىشلىتىدۇ. ئەمما مازۇت مېيى ھەقىقەتەن ئەرزان!

    ئاۋىياتسىيە كىرسىنى ئاساسلىقى بىخەتەرلىكى يۇقىرى، پارتلاشتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى.  كاربون مىقدارى ئەڭ ئاز، ئەڭ ساپ. ھازىرقى خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ كۆپ قىسىمى تۇربىنىلىق رېئاكتىپ ماتور، كۆيۈشى تېز، ھەرىكەت كۈچى چوڭ، يېقىلغۇغا بولغان تەلىپى ناھايىتى قاتتىق، ھەر بىر تۈركۈم ئاۋىياتسىيە كىرسىنى مۇرەككەپ ھەم قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئايروپىلانغا قاچىلىندۇ. ئەلۋەتتە ئاۋىياتسىيە كىرسىنىنىڭ باھاسىمۇ قىممەت.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号