باش بەت

ئەيساجان99

30يوللانما
1مەستانە

بېنزىن ماتورلۇق ماشىنا ۋە دىزېل ماتورلۇق ماشىنىنىڭ قايسىسى بەك ماي تېجەيدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-08-19 23:30 0 ئىنكاس چۈشتى

20160819132721800.jpg

سىرىتقى شەكلىدىن قارىغاندا دېزىل ماتور بىلەن بېنزىن ماتورلۇق ماشىنىنىڭ پەرقىنى ئاسان بىلگىلى بولمايدۇ، بۇ ئىككى خىل ماشىنىنى ھەيدىگەندىمۇ روشەن پەرق ھېس قىلالمايمىز. ئەمەلىيەتتە بەزى ماشىنا زاۋۇتلىرىنىڭ، مەسىلەن ۋولكىسۋاگىننىڭ بىرخىل تىپتىكى ماشىنىسىنىڭ دىزېل ماتورلۇق ۋە بېنزىن ماتورلۇق تىپلىرى بار. بۇلار تاشقى قىياپەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن پەرقلەنمىگەندەك بىلىنسىمۇ ئەمما ئىشلەش پىرىنسىپى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتىن پەرق ناھايىتى چوڭ.

دىزېل ماتورلۇق ماشىنا بىلەن بېنزىن ماتورلۇق ماشىنىنىڭ قايسىسى ماي تىجەيدۇ؟ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بار؟ بىز تۆۋەندە بۇ توغرىسىدا توختىلىمىز.

 

1. قايسىسى بەكرەك ماي تىجەيدۇ؟

بېنزىن ماتورلۇق ماشىنا : ☆★★

دىزېل ماتورلۇق ماشىنا: ☆★★★★

دىزېل ماتورلۇق ماشىنا ھەيدەپ باققانلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك دىزېل ماتورنىڭ ماي تېجەيدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ، ئەمەليەتتىمۇ گاز چىقىرىش مىقدارى ئوخشاش بولغان بىر خىل ماشىنىنىڭ دىزېل ماتورلۇق ماشىنا بىلەن بىنزىن ماتورلۇق ماشىنىنىڭ دىزىل ماتورلۇقى %30 ئەتراپىدا ماي تېجەيدۇ.

دىزېل ماتورنىڭ بېنزىن ماتورغا قارىغاندا ماي تېجىشىنى ماتورنىڭ تېخنىكا ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ. بېسىم ئارقىلىق يانىدىغان دىزېل ماتورى ئىچىدىن كۆيىدىغان بىنزىن ماتورىغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىنىرگىيەنى ئىشقا ئايلاندۇرۇپ بىرىدۇ، ئېنىرگيەنىڭ سەرپ بولۇشى بېنزىن ماتورىغا قارىغاندا %45-%60 بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دىزېل ماتورنىڭ ئىسسىقلىق ئۈنۈمى بېنزىن ماتورنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى، دىزېلنىڭ ئىسسقلىق قىممىتى چوڭ، شۇڭىلاشقا ئوخشاش سۈپەتتىكى، ئوخشاش ھەجىمدىكى قويۇپ بەرگەن ئېنىرگىيەسى يۇقىرى، ھەربىر تاكىتتا قىلغان ئىشى يۇقىرى بۇلىدۇ.

2. قايسىسىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ  كۈچى ياخشى؟

بېنزىن ماتورلۇق ماشىنا : ☆★★

دىزېل ماتورلۇق ماشىنا: ☆★★★

دىزېل ماتورنىڭ تۆۋەن سۈرئەتتە بۇرۇلۇش مومنىنتى بېنزىن ماتورنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى، گاز چىقىرىش مىقدارى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، داۋانغا چىقىشتا دىزېل ماتورنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

بېنزىنغا سېلىشتۇرغاندا دىزېل ئاسان كۆيمەيدىغان، قۇۋۋەت چوڭ، ئوت يېنىش نوقتىسى يۇقىرى قاتارلىق تەرەپلىرى بولۇپ، كىچىك تىپتىكى دىزېل ماتورى بېنزىن ماتورىغا قارىغاندا 3/1 ئىنرگىيەنى كۆپ سەرپ قىلىدۇ. بېسىم ئارقىلىق يانىدىغان دىزىل ماتورى ئىچىدىن كۆيىدىغان بىنزىن ماتورىغا قارىغاندا %45-%60 يۇقىرى بولىدۇ.

3. قايسىسىغا ماي قاچىلاش قۇلاي؟

بېنزىن ماتورلۇق ماشىنا : ★★★★★

دىزېل ماتورلۇق ماشىنا: ☆★★

گەرچە دىزېل ماتورلۇق ماشىنا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ماي تېجەش جەھەتتە ئەۋزەللىكنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما ماشىنا سېتىۋالغاندا كۆپىنچە كىشلەر بېنزىن ماتورلۇق ماشىنىنى تاللايدۇ.

دىزىل ماتورلۇق ماشىنىغا ماي قاچىلاش بىنزىن ماتورلۇق ماشىنىغا قارىغاندا قولايلىق ئەمەس. بىنزىن ماتورلۇق ماشىنا ئىھتىياجىغا ئاساسەن ماي پومپىسىنىڭ يېنىغا بارسىلا بولىدىغان بۇلۇپ، ئەمما دىزىل ماتورلۇق ماشىنىغا ماي قاچىلاش بۇنچە ئاددى ئەمەس. قىش كۈنى تىمپىراتورا تۆۋەن ۋاقىتتا شوپۇر  مۇناسىپ بولغان مەنپىي بەلگىلىك دىزىل مېيىنى تاللىشى لازىم، كىچىككىنە بىخەستىلىك قىلسا، دىزىل مېيىنىڭ ماي باكىنىڭ ئىچىدە توڭلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ماشىنىنى قوزغاتقىلى بولماسلىقى مۇمكىن.

يەنە بىر قولايسىزلىق بولسا دۆلىتىمىزدا يۈك ماشىنىسى قاتارلىق بىرقەدەر چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ ھەممىسى دىزىل مېيىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بەزىدە ماي قاچىلاش ئۈچۈن چوڭ ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچرەت ساقلىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنىڭدىن سىرىت چوڭ ماشىنىلارنىڭ ماي باكىنىڭ سىغىمى بىرقەدەر چوڭ بۇلۇپ بىر قېتىم ماي قاچىلاش ئۈچۈن خېلىلا ئۇزۇن ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن.

4. قايسىسىنىڭ شاۋقۇن ئاۋازى تۈۋەن؟

بىنزىن ماتورلۇق ماشىنا :★★★★

دىزىل ماتورلۇق ماشىنا: ☆★★

ھەممىمىزگە ئايان دىزىل ماتور چىقارغان ئاۋاز بىنزىن ماتورنىڭ چىقارغان ئاۋازىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ، بولۇپمۇ ماي تەپكىسىنى جىددي دەسسىگەندە بۇ خىل ئەھۋالنى ناھايىتى روشەن پەرىقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

دىزىل ماتورى بېسىم ئارقىلىق يانىدىغان، بىنزىن ماتورى بولسا  ئىچىدىن كۆيىدىغان بولۇپ، دىزىل ماتورنى قوزغاتقان ۋاقىتتا بېسىم ئارقىلىق يانغان ماتور بىر نوقتىغا بارغاندا بېسىم تەسىرىدىن پارتلاش ئاۋازى چىقىرىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنا يول يۈرۋاتقاندا روشەن ھالدا دىزىل ماتورنىڭ شاۋقۇن ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. شاۋقۇننىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىدە بېنزىن ماتورىنىڭ شاۋقۇنى تۆۋەن بولۇپ، بۇ تەرەپتە ئەۋزەللككە ئىگە.

ئەمما ھازىرقى زامان تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىرقىسىم دىزىل ماتورلۇق ماشىنىلار ۋە SUV ماشىنىلار بىر قەدەر ئىلغار بولغان ماي پۈركۈش سىسىتېمىسىنى ئىشلىتىپ، شاۋقۇننى كونتىرول قىلىش جەھەتتە بىنزىن ماتورى بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلەتتى.

5. قايسىسىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزۇن؟

بىنزىن ماتورلۇق ماشىنا :★★★

دىزىل ماتورلۇق ماشىنا: ★★★★

دىزىل ماتورنىڭ بىنزىن ماتورىغا قارىغاندا تۈزۈلۈشى ئاددى، ئوت يېقىش سىسىتىمىسى يوق بولۇشتەك تەرەپلىرى بىلەن، كاشىلا يۈز بىرىش ئىھتىماللىقى تۆۋەنلىتىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىنزىن ماتورىغا قارىغاندا ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرىچە ئىشلىتىش ئۆمرى بىنزىن ماتورىغا قارىغاندا 1.5 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە دىزىل ماتورىنىڭ پارنىك ئىففىكتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  گازلارنى قۇيۇپ بىرىش نىسبىتى بىنزىن ماتورىغا قارىغاندا %45 تۆۋەن بولۇپ، بىنزىن ماتورلۇق ماشىنىغا قارىغاندا مۇھىت ئاسىراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

20160819132721721.jpg


ماشىنا زاۋۇتلىرىنىڭ ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن سالغان بەلگىسىگە قارىمىسىڭىز، ھازىرقى دىزىل ماتورلۇق ماشىنىنىڭ سىرىتقى شەكلىگە قاراپ ۋە ھىس تۇيغۇڭىزغا ئاساسلىنىپ پەىق قىلىپ بولالمايسىز. مەسىلەن ۋولكىسۋاگىن ياكى ئاۋدى ماشىنىسىنى مىسالغا ئالساق، ھەربىر دىزىل ماتورلۇق ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۇلار TDI بەلگىسىنى سېلىپ قويىدۇ.

بۇرۇن سىز بۇ ئىككى خىل ماشىننى پەرىقلەندۈرمەكچى بولسىڭىز ، ماتورنىڭ چىقارغان ئاۋازىغا، گاز چىقىرىش تۇربىسىدىن چىقارغان قارا ئىسقا قاراپ ئاندىن ئۇنىڭ دىزىل ماتورلۇق ماشىنا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن بولاتتىڭىز. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号