باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2811يوللانما
8مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مايمۇن 15 گىرام كېلىدىغان قوشكېزەك تۇغدى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-24 18:10 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئاۋستىرالىيە «Express Network» تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Pygmy Marmoset دۇنيا بويىچە بەدىنى ئەڭ كىچىك مايمۇن بولۇپ، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پېرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋان ئىكەن. يېقىندا ئاۋستىرالىيە يېڭى جەنۇبى ۋالېس ئىشتاتى سىيىمبىيو ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى (New South Wales's Symbio Wildlife Park) دىكى بىر مايمۇن ئېغىرلىقى 15 گىرام كېلىدىغان قوشكېزەك تۇغقان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گەرچە بۇ قوشكېزەك مايمۇنلارنىڭ ئېغىرلىقى ئارانلا 15 گىرام كېلىدىغان، چوڭ-كىچىكلىكى بىر تال CD دىسكىسىچىلىك كەلسىمۇ، بىراق ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ دېيىشىچە، ئانىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ مايمۇنچاقلار خېلى چوڭ ھېسابلىنىدىكەن، يەنى بىر ئايال 10 ياشلىق بالا چوڭلۇقىدا بالىدىن بىرنى تۇغقانغا باراۋەر كېلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، قۇرامىغا يەتكەن Pygmy Marmoset مايمۇنىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 100 گىرام كېلىدىكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال Pygmy Marmoset نىڭ ئىسمى گومېز (Gomez) ۋە ئىتى (Iti) بولۇپ، ئۇلار 2015-يىلى جۈپلەشكەن، ئەينى ۋاقىتتا ھايۋانات باغچىسى ئالاھىدە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئىتى يېڭى زىللاندىيە ئوكلەند ھايۋاناتلار باغچىسى (Oakland Zoo) دىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ھايۋانات باغچىسى خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىن باشلاپلا زادى ئايرىلىپ باقماپتۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号