باش بەت

ئىپارىم

93يوللانما
0مەستانە

چېڭ لۇڭنىڭ رىۋايەتلىك دادىسى - فاڭ داۋلۇڭنىڭ ھايات قىسمىتى

مەنبە:گۇاڭمىڭ تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-25 08:00 0 ئىنكاس چۈشتى

چېڭ لۇڭ كىنوچىلىقتىكى رىۋايەت ھېسابلىنىدۇ، لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى چېڭ لۇڭنىڭ ئاتىسى فاڭ داۋلۇڭمۇ ئىلگىرى تارىخنىڭ كەلكۈنلىرىدە ئېقىپ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن.

فاڭ داۋلۇڭ 17 ياش ۋاقتىدا ئەنخۈيدە توي قىلىپ، ئىككى ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان (ئىككىلىسى چېڭ لۇڭنىڭ بىر ئاتا، بۆلەك ئانىدىن بولغان ئاكىلىرى). كېيىن فاڭ داۋلۇڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، نەنجىڭغا بارغان. ئەينى ۋاقىتتا نەنجىڭدىكى چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشتىن بۇرۇن فاڭ داۋلۇڭ ياپون جاھانگىرلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە قاماپ قويۇلغان، كېيىن تۇغقانلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇپ چۇڭچىڭغا ئېلىپ كەتكەن.

ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇ تەلىيى كېلىپ ئاخبارات خادىمىغا ئايلانغان. ئۇ قاملاشقان، ئېگىز بولغاچقا، 20 ياش ۋاقتىدا نەنجىڭدىكى ساغلاملىق-گۈزەللىك تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ھەمدە <1944-يىللىق نەنجىڭ ئەپەندىمى> نامىغا ئېرىشكەن.

چوڭ قۇرۇقلۇق ئازات بولغاندىن كېيىن، فاڭ داۋلۇڭ تەيۋەندىكى ھەربىي قىسىمغا تايىنىپ جېنىنى باققان، يۇرتدېشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن شياڭگاڭدىكى ئامېرىكا كونسۇلىغا بېرىپ يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىنى قىلغان، فامىلىسىنى چېن غا ئۆزگەرتكەن. ئالغان 2-خوتۇنى چېن گاڭشېڭ يەنى ھازىرقى چېڭ لۇڭنى تۇغقان.

1961-يىلى ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ ئاشپىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئايالى بىلەن كونسۇل ئىشلىرى ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيەگە بارغان، چېڭ لۇڭنى جۇڭگو تىياتىر مەكتىپىگە بەرگەن ھەمدە 10 يىللىق تەمىناتسىز ئىشلەشكە توختام تۈزگەن.

چېڭ لۇڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆپ بىللە تۇرمىغان بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئۈچ سۆزىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغان: قارا جەمئىيەتكە ئارىلاشماسلىق، قىمار ئوينىماسلىق، زەھەر چەكمەسلىك. كېيىن چېڭ لۇڭ جاڭ ۋەنتىڭنى تەكلىپ قىلىپ دادىسىنىڭ ھاياتىغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن، فىلىمدە بىر جۇڭگو ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن. 2008-يىلى چېڭ لۇڭنىڭ دادىسى 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号