باش بەت

mahliya

1397يوللانما
1مەستانە

تۆت «گۇمپا شاھى» ئىچىدە پەقەت چېڭ لۇڭلا ئايالىدىن ۋاز كېچىپ باقمىدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-25 18:00 0 ئىنكاس چۈشتى

خۇڭ جىنباۋ: ئۇ «تاماشا چەمبىرىكى»دىكى گۇمپا ھەرىكىتى ئەڭ تېز بودەك، يۇڭچۇن مۇشتى، كەسمە مۇشتۋازلىق، قۇرۇق قول مۇشتلىشىش  قاتارلىقلارغا ماھىر، ھەرىكەتلىك فىلىملەرگە يېتەكچىلىك قىلىش، رېژىسسورلۇق، نازارەتچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرىنەرلىك نەتىجە قازانغان. شياڭگاڭ كىنو ساھەسىدە خېلى نامى بار. ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى كورىيەلىك ساۋ ئىنيۈ، 1991- يىلى ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، ئۇ شۇ يىلى گاۋ لىخۇڭ بىلەن توي قىلغان، توردا ئۇنىڭ فەن بىڭبىڭ بىلەن «تۇتۇق دادا ۋە ئۇنىڭ قىزى» تېمىسىدىكى ھېكايىسى تارقىلىپ يۈرۈيدۇ، راسىت-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.

جېن زىدەن: ئۇ «يېۋېن» ناملىق كىنونى ئىشلەپ نام چىقارغان، لېكىن شۇ فىلىمدىكىدەك ئايالىغا سادىق ياخشى ئەرلەردىن ئەمەس، رېئال تۇرمۇشتىكى جېن زىدەن مۇھەببەتكە باي، ئۇ 1993-يىلى ئېلان كەسپىدە ئىشلەيدىغان قىز دوستى لياڭ جىڭسۇڭ بىلەن ئىنتايىن تېز توي قىلىپ بىر يىلغا بارماي ئاجرىشىپ كەتكەن، 1995-يىلى ۋەن چىۋېنغا تىزلىنىپ توي تەكلىپى قويۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىنى ئەمرىمگە ئالمايمەن دەپ جاكارلىغان، لېكىن ئەپسۇس 2003-يىلى گۈزەللەرنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپيونى ۋاڭ شىشى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۈچ ئايدىلا توي قىلغان.

لى ليەنجيې: ئېكراندىكى ياخشى ئەر خۇاڭ فېيخوڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئۇچىغا چىققان خوتۇنپۇرۇش، ئۇ 1986-يىلى مەكتەپدىشى خۇاڭ چيۇيەن بىلەن توي قىلىپ، 1989- يىلى ئۇ ھامىلىدار ۋاقتىدا «دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى ئەجدىھا» فىلىمىدىكى ئايال ئارتىس لى جى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، 1991- يىلى خۇاڭ چيۇيەن بىلەن ئاجرىشىپ 1999-يىلى لى جىنى ئەمرىگە ئالغان.

چېڭ لۇڭ: ئۇنىڭ نامى خەلقئاراغىچە داڭلىق، لېكىن ئۇنىڭ «ئۈجمە كۆڭۈل» لىكىنى پۈتۈن تاماشا چەمبىرىكى بىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشكەن ئايال چولپانلار ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇچاغلاپ سۈرەتكە چۈشۈشىدىن قۇتۇلالالمايدۇ، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئايالى لىن فېڭجياۋ بىلەن ھازىرغىچە ئۆي تۇتۇپ كەلگەن، ئاجرىشىش نىيىتىدە بولمىغان، گەرچە كۆپىنچە ئەرلەر «ئۈجمە كۆڭۈل» بولسىمۇ ئايالىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدۇ، چېڭ لۇڭ ئاكىمىزمۇ دەل شۇنداق ئەرلەرنىڭ بىرسى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号