باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2698يوللانما
3مەستانە

ئامېرىكىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى بودەك قىز 323 جىڭ ئورۇقلىدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-27 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بودەك قىز بۇرۇن بەكلا سېمىز بولغاچقا كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىنىڭ ئايلانما ئىشىكىگە قىسىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورۇقلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، مانا بۈگۈنكى كۈنلۈككە كەلگەندە بۇرۇنقى 500 قاداق (تەخمىنەن 453 جىڭ) كېلىدىغان بودەك قىزدىن ئورۇقلاپ 150 قاداق (تەخمىنەن 130 جىڭ) لىق ئەۋرىشىم قىزغا ئۆزگەرگەن. ئۇ جاپالىق ئورۇقلاش جەريانى ئارقىلىق كۆپ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن.


بۇ قىزنىڭ ئىسمى جاكۈۋىلىن ئادان (Jacqueline Adan) بولۇپ، كالفورنىيە ئىشتاتى سان ماتېئو (San Mateo) دا ئولتۇرۇشلۇق، بۇ يىل 29 ياش. ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بۇرۇن 500 قاداق (تەخمىنەن 453 جىڭ) قا چىققان. ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۇ كۆپ قېتىم ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپمۇ يەنىلا چىداپ بولالماي، ئەكسىچە توختىماي يەيدىغان بولۇپ قېلىپ، تېخىمۇ سەمىرىپ كەتكەن ئىدى.

جاكۈۋىلىن ئادان 2010-يىلى يىگىتى كېۋىن (Kevin) ۋە ئاچىسى بىلەن دىسنىي باغچىسىغا ئوينىغىلى بارىدۇ، بىراق بەكلا سېمىز بولغاچقا ھەرىكەت قىلالماي چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ بەكلا سېمىز بولغاچقا ئادەتتىكى ئويۇنچۇقلار ئۇنى كۆتۈرەلمەيتتى، ئۇلار خېلى چۆگىلەپ ئاخىرى بىر ئويۇنچۇقنى تاپقاندا، جاكۈۋىلىن ئادان ئايلانما ئىشىككە قىسىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن بەكلا خىجىل بولغان جاكۈۋىلىن ئادان ئورۇقلاشنى قارار قىلىدۇ.


دەسلەپتە ئۇ مەلۇم بىر شىركەتنىڭ ئوزۇقلۇقنى كونتىرول قىلىپ ئورۇقلاش پىلانىغا قاتنىشىدۇ. 2013-يىلى 5-ئايدا 150 قاداق (تەخمىنەن 136 جىڭ) ئورۇقلايدۇ. بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئۇ دىسنىي باغچىسىغا قايتا كېلىدۇ، گەرچە بۇ قېتىممۇ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ھەممە ئويۇنچۇقنى ئوينىيالايدۇ. 2015-يىلى ئۇ ئورۇقلاش مەشىق سىنىپىغا قاتنىشىپ، ئىككى خىل ئۇسۇلدا بىرلىكتە ئورۇقلاپ ماڭىدۇ. مانا ھازىر ئۇ 350 قاداق (تەخمىنەن 317 جىڭ) ئورۇقلاپ بولدى، ئۆزىمۇ قارىماققا خېلى ئەۋرىشىم كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى.


بىراق ئورۇقلاشتىن كېيىن جاكۈۋىلىن ئادان بىر مەسىلىگە يولۇقتى، ئۇ بولسىمۇ، تېرە ساڭگىلاپ كېتىش، تېرە سەزگۈرلۈك كېسىلى، بوينىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىقلار. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 28-كۈنى، جاكۈۋىلىن ئادان تۇنجى قېتىم تېرە ئوپراتسىيە قىلدۇردى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇ خېلى ئۈمىدۋار بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«مېنىڭ ھايات مۇساپەم بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ، مەن بەك خۇشال، كەلگۈسى مېنىڭ قولۇمدا. ھازىرقى تۇرمۇش دەل مەن ئىنتىلگەن تۇرمۇش، مەن ئەمدى ئۆزۈمنىڭ سېمىزلىكىدىن نومۇس قىلمىساممۇ بولىدىغان بولدى.»


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号