باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2694يوللانما
4مەستانە

ھىندىستان پوچتا ئىدارىسى گانگ دەرياسى سۈيىدىن 70 مىڭ بوتۇلكا ساتتى

مەنبە:جۇڭگو تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-27 19:27 0 ئىنكاس چۈشتى

سۈرەتتە: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستان، ھىندى دىنى مۇرتلىرى گانگ دەرياسىغا شام-چىراق قويۇپ بېرىپ تىلەك تىلەۋاتىدۇ. بۇ كۈن يەنە «چوڭ چۆگۈن بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ بايرام 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرىچە داۋاملىشىدۇ. ئىككى ئاي ۋاقىتتا نەچچە مىليونلىغان ھىندىستانلىق بۇ جايغا يىغىلىدۇ.

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سىنگاپور «بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ 27-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پوچتا ئىدارىسى بۇ يىل يېڭى مۇلازىمەت ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا جايلاشقان 155 مىڭ تارماق ئورگىنىدىن پايدىلىنىپ، ھەر بىر بوتۇلكىسى تەخمىنەن 4.9 يۈەن خەلق پۇلى باھاسى بىلەن گانگ دەرياسىنىڭ سۈيىنى سېتىشقا باشلىغان. ھىندىستان پوچتا ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى:«ھىندى دىنى مۇرتلىرى ئۇلۇغ جايغا كېلەلمىسە، ئۇلۇغ جاي سۈيى ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارىدۇ.»

ھىندىستان ئالاقە ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مىنىستىرى راۋى پىراسادىت (Ravi Prasadt) بۇ يېڭى مۇلازىمەتنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى:«پوچتىكەشلەر يانفون، ئۈنچە-مارجان، كىيىم-كېچەكلەرنى ئۆيگىچە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىكەن، گانگې دەرياسىنىڭ 'ئۇلۇغ سۈيى' نى يەتكۈزۈپ بەرسە نېمە بوپتۇ؟»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گانگ دەرياسى سۈيىنىڭ ئىككى مەنبەسى بار بولۇپ، بىرى ھىمالايا تاغ باغرىغا جايلاشقان گانگوترى بازىرى (Gangotri)، يەنى گانگې دەرياسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، يەنە بىرى ھىندىستاننىڭ ئەڭ «ئۇلۇغ» شەھىرى رىشىكېش (Rishīkesh) دۇر.


ئىگىلىنىشىچە، گانگ دەرياسى سۈيى بوتۇلكىلارغا قاچىلىنىپ --- قەيەردە قاچىلايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىدى، بوتۇلكا ئۈستىدە ماركىمۇ يوق، سېتىپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر بوتۇلكىسا 200 گىرامدىن 500 گىرامغىچە سۇ قاچىلىنىدۇ. كىچىك بوتۇلكىلىق سۇ رىشكېش شەھىرىدىن ئېلىپ كىلىنىپ 15 رۇپىيەدىن سېتىلىدۇ، چوڭ بوتۇلكىلىق سۇ گانگوترى بازىرىدىن كەلتۈرۈلۈپ 25 رۇپىيەدىن سېتىلىدۇ.


گانگې دەرياسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا 500 مىليون كىشىنىڭ كۈندىلىك سۇ مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇلازىمىتى دىنى ئۆلىمالارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى، ئۇلار «ئۇلۇغ جاي» غا كېلىدىغان ئادەمنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھۆكۈمەت بۇ مۇلازىمەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدىلا 70 مىڭ بوتۇلكا گانگ دەرياسى سۈيى سېتىپ چىقارغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号