باش بەت

ياسىنجان ھەسەن

603يوللانما
0مەستانە

ھەشەمەتلىك نۇسخىدىكى Genesis G70 ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-08-31 16:12 0 ئىنكاس چۈشتى

ماشىنا ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، چەتئەل تاراتقۇلىرى Genesis G70نىڭ نىقابلانغان ھالىتىدىكى يول سىناق قىلىنىۋاتقان سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ يېڭى ھەشەمەتلىك نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، Genesis G70 ئاپتوموبىلى ئاساسلىقى ھەشەمەتلىك ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوموبىل بازىرىغا سېلىنىدۇ. ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى ئاپتوموبىل 2017-يىلى رەسمى بازارغا سېلىنىدىكەن.

سۈرەتتىن قارىغاندا، Genesis G70نىڭ پۈتكۈل قۇرۇلمىسى ھەرىكەتچان ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارا رەڭلىك تورسىمان ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان سالاسۇنى ۋە ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىڭ لايىھەلىنىشى Genesis New York ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلىغان. يان يۈزىدىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يان دېرىزىسىنىڭ بەل سىزىقىنىڭ لايىھەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېگىز قۇيرۇق بەلگىسى ئالدىغا شۇڭغۇشچان ياسالغان، بۇ تەرىپى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا چاقى قوزغىلىدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوموبىل ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان.

ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ لايىھەسىدىن قارىغاندا، سۈرەتتىن پەقەت ئۇنىڭغا LED نۇر مەنبەسى قۇيرۇق چىرىغى گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئارقا كۆپ مۇستەقىل ئاقما قۇرۇلما لايىھەسى قوللىنىلغان ھەمدە ئىككى تەرەپكە قوش گاز چىقىرىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئەڭ يېڭى 2.0L تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور ئىشلىتىلگەن. بازاردىكى ئورنىدىن قارىغاندا، enesis G70نىڭ بازار رىقابەتچىلىرى BMW3 سىستېمىسىدىكى ئاپتوموبىل ۋە بېنزنىڭ C دەرىجىلىك ئاپتوموبىللىرى ئىچىدىكى ھەرىكەتچان ھەشەمەتلىك ئوتتۇرا تىپتىكى ئاپتوموبىللار ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号