باش بەت

راخمان سايكىن

1229يوللانما
6مەستانە

فىرانسىيەدىكى كوكا كولا زاۋۇتىدا قىممىتى 50 مىليون ياۋرولۇق ئەتكەس كوكائىن بايقالدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-01 15:26 0 ئىنكاس چۈشتى

فىرانسىيەدىكى كوكا كولا زاۋۇتىدا قىممىتى 50 مىليون ياۋرولۇق ئەتكەس كوكائىن بايقالدى

     جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-سېنتەبىر تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيەدە دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسى بايقالغان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بىر كوكاكولا زاۋۇتنىڭ ئىشچىسى جەنۇبىي ئامېرىكىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ماللار ئارىسىدا تاسادىپىي ھالدا قىممىتى 50 مىليون ياۋروغا (61 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) يېتىدىغان كوكائىننى بايقىغان. 

   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ زەھەرلەر خالتىغا قاچىلانغان بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كېلىدىغان كونتېينېر ئارقىلىق يۆتكەپ ئەكىلىنگەن. بۇ قېتىم تاساددىپىي ھالدا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشكەن بۇ كوكائىننىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 370 كىلوگرام بولۇپ، فىرانسىيەدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنىڭ بىرى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە ساقچى تەرەپ ئاللىبۇرۇن بۇ دېلونى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. 

   Toulon شەھىرىدىكى بىر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زەھەرلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 50 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ساقچىلار بۇ زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، شۇ جايدىكى كوكا كولا زاۋۇتنىڭ ئىشچىسىنى گۇمانلىق ئادەملەر قاتارىدىن ساقىت قىلغان.

بۇ كوكاكولا زاۋۇتى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان كىچىك بازار سىگنېستا بولۇپ، بۇ زاۋۇت ئاساسلىقى ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. كوكا كولا شىركىتىنىڭ فىرانسىيەدىكى باياناتچىسى: «سىلەرمۇ بىزنىڭ ھەيرانلىقىمىزنى ئويلاپ باقساڭلار بولىدۇ» دېگەن ھەم شىركەت خىزمەتچىسىنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى بايقىغاندىن كېيىن دەرھال ساقچى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号