باش بەت

ئىدىقۇت887

6402يوللانما
8مەستانە

شەندۇڭدا ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر كېلىدىغان غايەت زور تاشپاقا جەسىتى بايقالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-02 15:59 0 ئىنكاس چۈشتى

  9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە، شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرى لەنشەن پورتىدا ئىشلەيدىغان ۋاڭ ئەپەندى لەنشەن پورتى ماي پىرىستانىنىڭ پاراخوت توختىتىش ئورنىدا غايەت چوڭ دېڭىز تاشپاقىسىنى بايقىغان بولۇپ، لېكىن بۇ تاشپاقىنىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغانىدى. ئەتراپتا ئولىشىپ تۇرغان كىشىلەر: <بۇ زادى قانداق تاشپاقا؟ نېمىدىگەن چوڭ تاشپاقا ھە؟> دېيىشىپ ھەيران قېلىشقانىدى.

بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: <بۇ تاشپاقا بەلكىم دېڭىز دولقۇنىدا توسمىغا چىقىپ قالغاندەك قىلاتتى، بۇ تاشپاقا ھەقىقەتەن ناھايىتى يوغان ئىدى>. بۇ تاشپاقىنىڭ تۆت پۇتى ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزىمۇ يوق تۇراتتى، قارىغاندا ئۇنىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ئۇزۇن بولغاندەك قىلاتتى. ئۆلۈپ كەتكەن بۇ تاشپاقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، تاشپاقىنىڭ قېپى ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا چىلىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن قىسمەن جايلىرى ئاللىقاچان ئاجراپ كەتكەنىدى. 

  ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەردە، ئالاقىدار ئورۇنلار ئادەم ئەۋەتىپ بۇ تاشپاقىنى سۇدىن سۈزۈپ ئالغان. ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى مۇنداق دېدى: <بۇ تاشپاقا بەك ئېغىردەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئاز دېگەندىمۇ 200 جىڭ كېلىدىغان بولۇپ، بەش ئادەم ئارغامچىدا باغلىغاندىن كېيىن ناھايىتى تەستە ئۇنى تارتىپ سۇدىن سۈزۈپ ئالدى>.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号