باش بەت

ئابدۇغېنى مۇئەللىم

134يوللانما
0مەستانە

چېڭ لۇڭ «ئوسكار» ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-02 16:47 0 ئىنكاس چۈشتى

چېڭ لۇڭ «ئوسكار» ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە پەن تەتقىقات ئورگىنى 8- ئاينىڭ 30-كۈنى (سەيشەنبە) كەچتە بۇ نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ 4 نەپەر ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتى ساھىبىنى بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاللاپ چىقتى. 

  جۇڭگۇنىڭ داڭلىق چولپىنى چېڭ لۇڭمۇ بۇ تىزىملىكتە بار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئىكەن.

  ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۇكاپاتلانغانلاردىن فىلىم مۇنتاژى ئاننى ۋ كاتىس (Anne V. Coates)، رېژىسسور ليىن ستالماستېر (Lynn Stalmaster)، ھەمدە داڭلىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچى فرېدىرك ۋېسمان Frederick Wiseman) قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  چېڭ لۇڭ «ئوسكار» ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق، شۇنداقلا ئاسىيادىكى 4- بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئىكەن. ئىلگىرى ياپونىيەلىك رېژىسسور ئاكېرا كۇروساۋا، ھېندىستانلىق رېژىسسور ساتياجىت راي ۋە ياپونىيەلىك كارتون ئۇستازى ھاياۋ مىيازاكى قاتارلىقلار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىكەن.

  چېڭ لۇڭنىڭ ئەسلى ئىسمى چېن گاڭشېڭ بولۇپ، 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا جىڭجۈ تىياتىرى ۋە گۇمپا ئۆگەنگەن، 8 يېشىدا كىنوچىلىق ھاياتىنى باشلىغان. كىنوچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇ سىنارىيەسىنى ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ھەم ئۆزى رول ئېلىپ، نۇرغۇن كومېدىيەلىك، ھەرىكەتلىك فىلىملەرنى ئىشلەپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. 

  ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېردىكى فىلىملىرىدىن: «ساقچى ھېكايىسى»، «خۇڭفەن رايونى»، «ھالقىلىق پەيتتە»، «گۇمپا چۈشى»، «12 مۆچەل»، «چاقماق ئوت» قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھوللىۋودتىمۇ بەلگىلىك تەسىرى بار.

  بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، شۇ كۈنى 4 نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئۆزىگە تەئەللۇق مۇكاپات بويۇمى بولغان «كىچىك ئالتۇن ئادەم» نى نەق مەيداندا قولىغا ئالىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号