باش بەت

ئابلەت مۇھەممەت

220يوللانما
2مەستانە

ماي قاچىلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى بىلەمسىز؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-09-03 13:39 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
       ماشىنىمىزغا ماي قاچىلاش بولسا- بىزنىڭ كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشىمىز، ئەمما بىز ماي قاچىلىغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار يەنىلا ئاز ئەمەس، مەسىلەن قانداق قىلغاندا ئەڭ ياخشى ئەڭ كۆپ ماي قاچىلىغىلى بولىدۇ؟ دېگەندەك، تەجرىبىلىك ئۇستاملارنىڭ تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيە قىلىدۇ:

      1. ماي قاچىلاش ۋاقتىنى ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك يول مېڭىش مۇساپىسىگە ئاساسەن بېكىتىڭ، ئادەتتە ئىشقا بېرىپ- كېلىش يولىدا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ماينىڭ ئىسترېلكىسى ماينىڭ تۆتتىن بىرى قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋاقىتتا، ئەگەر قولايلىق بولسا ماي قاچىلىۋېلىڭ. بىرىنچىدىن بىخەتەر، ناۋادا بىرەر جىددىي ئىش بىلەن يىراققا چىقىپ قالسىڭىز، ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ماي قاچىلاش پونكىتى ئىزدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئىككىنچىدىن ماي يۈزى ئورنى بەك تۆۋەنلەپ كەتسە، ماي پومپىسىنىڭ خىزمىتى ئارتىپ كېتىدۇ. بەك لىق قاچىلاشقىمۇ بولمايدۇ، ئەگەر بەك لىق بولۇپ كەتسە، لەيلەتكۈچ ۋە ماي ئورنى ئۆلچىگۈچنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. باك ئىچىدىكى ماينىڭ بەك لىق بولۇشىمۇ ئاسانلا ماشىنا مېڭىۋاتقاندا ماينى تاشتۇرۇپ چىقىرۋىتىدىغان بولۇپ، ماي تېشىپ چىقىپ كەتسە، ماشىنىنىڭ سىرىنىڭ ئۆڭۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      2. ماشىنىغا ماي قاچىلىغان ۋاقىتتا يەنە ئامال بار تېمپېراتۇرا تۆۋەنرەك ۋاقىتنى تاللاپ قاچىلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن ياز پەسلىدە ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەندە ياكى كەچقۇرۇنقى ۋاقىتنى تاللاش كېرەك، چۈنكى بۇ ۋاقىت بۆلىكىدىكى تېمپىراتۇرا نىسبەتەن تۆۋەنرەك، ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش تەسىرىگە ئۇچرىشى تۆۋەنرەك بولۇپ، بېنزىننىڭ پارغا ئايلىنىشىمۇ ئازراق بولىدۇ.

     3. بەزىلەر ماينى لىتىر بۇيىچە قاچىلاش كېرەك، پۇل سانى بۇيىچە قاچىلىسا زىيان بولىدۇ دېيىشىدۇ، چۈنكى ماي قاچىلاش ئەسۋابى تۆتكە تەڭ ياكى كىچىك بولسا ئېلىۋېتىپ، بەشكە تەڭ ياكى چوڭ بولسا قوشۇپ قۇيىدۇ، مەسىلەن سىز ھەر قېتىم 100يۈەنلىك قاچىلىسىڭىز، ئەمەلىيەتتە 99.95يۈەنلىك قاچىلىغان بولسىز، ئەمەلىيەتتە بۇ بەش پۇڭ پۇل بىلەن ھېساپلىشىشنىڭ ئورنى يوق، ئەگەر سىز «لىتىر» بۇيىچە قاچىلىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئون لىتىرنى بىرلىك قىلىپ قاچىلاڭ، مەسىلەن 10لىتىر، 20لىتىر، مۇشۇ بۇيىچە قوشۇڭ، بۇنداق بولغاندا پۇڭ چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلىك ماي قاچىلىغان 100يۈەن، 150يۈەن بۇيىچە قاچىلاش كېرەك، ئىككى تەرەپنىڭ ھېساباتىغىمۇ قولاي بولىدۇ.
    4. ئەڭ ياخشىسى جۇڭگو نېفىت خىمىيەسى ياكى جۇڭگو نېفىتىنىڭ، مۇنتىزىم ماي قاچىلاش پونكىتلىرىغا بېرىپ ماي قاچىلاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا مىقدار ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، بەزى خۇسۇسىي ئىگدارچىلغىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى پايدا ئېلىش ئۈچۈن بېنزىنغا  سۈپىتى ناچار مايلارنى ئارلاشتۇرۋىتىدۇ، ئەمما مۇنتىزىم ماي قاچىلاش پونكىتلىرىنىڭ مېيى بولسا نىسبەتەن بىخەتەر ھەم ئىشەنچلىك.
 

     5. ئامال بار ماي چىرىغى يېنىشىنى كۈتمەي ماي قاچىلاش كېرەك. چۈنكى ماي پومپىسى ماي باكى ئىچىدە، ماي پومپىسى ئۇدا خىزمەت قىلغاندا تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ، يېقىلغۇغا چىلىنىپ تۇرغاندا تېمپېراتۇرىسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئەمما ماي چىرىغى يېنىش بولسا، ماي ئورنىنىڭ ماي پومزىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ھەر قېتىم ماي چىرىغى ياتقاندىلا ئاندىن ماي قاچىلىغاندا ماي پومپىسىنىڭ ئىشلىتىش ئاخىرىنى ئاقارتىۋېتىدىغان بولۇپ، باك ئىچىدىكى ماي بەك ئاز بولسا ياكى يېقىلغۇ تۈگىگەن بولسا ماي پومپىسىنى كۆيدۈرۋىتىشى مۇمكىن. 30مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يۈرۈپ بولغانلار تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، باك ئىچىدىكى ماي بەك ئاز بولۇپ، ماي پومپىسى باك ئىچىدىكى چۆكۈندى ماددىلارنى شوراپ ئەكىرىپ كەتسە، ماي پومپىسىنى ياكى ماي يولىنى ئاسانلا توسۇپ قويۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号