باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8901يوللانما
444مەستانە

تايلاندىكى ئەڭ كېلىشكەن 10 ئەر چولپان تىزىملىكى ئاشكارىلاندى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-09-03 15:04 3 ئىنكاس چۈشتى

 «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

  دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ كېلىشكەن ئەر چولپانلار بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تونۇشۇپ چىقتۇق. ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ گۈزەللىككە بولغان كۆز-قاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، نەزىرىدىكى كېلىشكەن يىگىت، گۈزەل قىز ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. 

  تايلاند تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرى بىزگە ناتۇنۇش ئەمەس، يېقىندا تايلاندىكى ئەڭ كېلىشكەن ئەر چولپانلار تىزىملىكى ئاشكارىلاندى، قېنى بىز بىرلىكتە ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى، بىلمىدىم سىز قايسىلىرىنى تونۇيسىزكىن؟

  ۋېير (Weir) تولۇق ئىسمى سۇگېلاۋا كانانو. تايلاندتىكى ئەڭ داڭق قازانغان كىنو ئارتىسى ۋە داڭلىق ناخشىچى. ئۇنىڭ ساپ پاكىز ئىللىقلىقى بىلەن كېلىشكەن تاشقى قىياپىتى «قوشنا ئۆيدىكى شاھزادە» شەرىپىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا بەزىلەر تەرىپىدىن «خەلق شاھزادىسى» دەپ ئاتالغان.

  نۇم (Num)  ئىلگىرى يېرىمدىن كۆپرەك تايلاند قىزلىرىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان، تايلاندىكى ئەڭ كېلىشكەن، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 10 ئەر چولپانلارنىڭ بىرى. ئۇ پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. كېلىشكەن، ئوچۇق-يورۇق مىجەزى ۋە جەزبىدارلىقى ئۇرغۇپ تاشقان. ئۇ كېلىشكەن قامىتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغان.

  ئائۇم (Aum) ئۇ گەرچە كېلىشكەن بولمىسىمۇ، ئەمما قىزلارنى مەپتۇن قىلالايدۇ. ئۇ «سۆيگۈ ئىزھارى» (爱的告白) بىلەن بىر كېچىدىنلا نام قازانغان. ئۇ چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن قىزلار كۆرۈپ ئەقلى لال بولغۇدەك، ئەرلەر كۆرسە ھەسەت قىلغۇدەك بەدەن مۇسكۇللىرى شۇنچىلىك ئۆلچەملىك ۋە مەپتۇن قىلارلىق. ئۇنىڭ «يولسىزلىقى» كېلىشكەن قامىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولىدۇ. ئاۇم، كېن، تىك قاتارلىق ئۈچەيلەن تايلاندىكى ئۈچ چوڭ «ئالۋاستى» دەپ تەرىپلەنگەن. 

  پوڭ (Pong) تولۇق ئىسىمى ناۋا جۈنلانالا. جۇڭگو-تايلاند ئارىلاش قان سېستىمىسىدىن تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بەش ئەزايى شۇنچىلىك ئۆلچەملىك، يەنە ئازىراق ياۋايىلىقنىمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان. ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ئاسىيا ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  رومې 1984-تۇغۇلغان. تايلاند، لائۇس ۋە جۇڭگو ئۈچ دۆلەت قان سېستىمىسىدىكى ئارىلاش قانلىق بالا. ئۇنىڭ بەش ئەزايىدىكى ماسلاشقانلىقى تايلاندىكى ئەڭ جەلىپكار ئەر دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا يەنە ئەرلەردىكى كېلىشكەنلىك بىلەن ئاياللاردىكى لاتاپەتلىك پۇرىقى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. گولف توپ ئويناش، پۇتبول، ۋە قارىغا ئېتىش قاتارلىقلار ئۇ ئەڭ ماھىر تەنھەرىكەت تۈرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ Liverpool پۇتبول كوماندىسىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.

  تىك (Tik) تولۇق ئىسمى جيېشداباڭ فۇئېردى. 1971-يىلىدىكى «قان شورىغۇچى ياشلىق» (喋血青春) ئارقىلىق كىشىلەرگە تونۇلغان. تىكنىڭ كېلىشكەنلىكى ئۇنىڭ نەپىسلىكى ۋە ھېسسىي تۇيغۇسىدا. ئۇنىڭ ئانىسى جۇڭگو-تايلاند قان سېستىمىسىدىن. تىك جەلىپكار ۋە ئېسىل. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر. تاماشا چەمبىرىكىدىكىلەر ئۇنى يۇمۇرستىك دەپ قارايدۇ. 

  مايك (Mike) تولۇق ئىسمى پىراس نىتىپاىسئانكۇل. 2005-يىلى ئاكىسى بىلەن  Golf &amp  گۇرۇپپپسى ئارقىلىق تاماشا چەمبىرىكىگە كىرگەن. بۇ گۇرۇپپا پۈتكۈل ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ تاماشا گۇرۇھى GMM نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن بۇرادەرلەر گۇرۇپپىسى دەپ قارالغان. 2011-يىلى بۇ گۇرۇپپا تارقالغاندىن كېيىن، مايك ئۆزىنىڭ كېلىشكەن قامىتى بىلەن كىنو ساھەسىگە قەدەم قويدى.

  چاكرىت (Chakrit) تولۇق ئىسمى چاكرىت يەننامۇ. 1978-يىلى تۇغۇلغان. تاشقى قىياپىتى كېلىشكەن ۋە سىرلىق. ئۇ كەڭ خەلق ئاممسىى ئورتاق ئېتىراپ قىلغان رول ئېلىش ماھارىتى ئەڭ قالتىس ئەر ئارتىس. چاكرىت ئاساسەن ئۇرۇش فىلىملىرىدە رول ئالغان. ئۇ يەنە ئەرلىك لاتاپەتكە ئىگە دەپ قارالغان.

  كېن (Ken) ئامېرىكىدا تۇغۇلغان، ئۇ تۆت يېشىدىنلا تېلېۋىزىيە-تىياتىرلىرىدا رول ئالغان ھەمدە بالا چولپان سالاھىيىتىدە تاماشا چەمبىرىكىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ كېلىشكەن قامىتى ھەممە تەرەپتىن تۆكۈلۈپ تۇرغان. ئۇ تايلاندلىق ئاياللارنىڭ نەزىرىدە كۆڭۈلىدىكى ئەر بولسا، تايلاندلىق ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ مۇكەممەل ئەر چولپان. ئۇنىڭ ئۇرغۇپ تاشقان شىجائىتى ۋە مۇلايىم كۆيۈمچانلىقى تايلاندلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ مۇكەممەل ئەر دەپ قارالغان.

 

  موس (Mos) ئۇ بالىلارغا ئوخشاش چىرايغا ئىگە. ئۇ ھەتتا 30 ياشقا كىرىپ بولسىمۇ، لېكىن قارىماققا ئىنتايىن ياش كۆرۈنىدۇ. ئۇ ھەم ناخشا ئېيتالايدۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلالايدۇ. ئۇ يەنە رول ئېلىشنى بىلدىغان بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان كۆپ قىرلىق چولپان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • رەيھان1 ئاي ئىلگىرى

    مەن ۋېيرنىڭ ھەم مايكنىڭ كىنوسىنى كۆرگەن،ھەيران قالغىنىم مايكنىڭ كىنودىكى ئ‍ىسمىمۇ مايىك ئ‍ىدى،ھەم چولپاننىڭ رولىنى ئ‍الغان؛

  • شەبنەم3 ئاي ئىلگىرى

    ۋېير ھەقىقەتەنمۇ بەك كىلىشكەن مەن ئۇنىڭ كىنولىرىنى بەك ياختۇرمەن

  • گۈلسەنەم4 ئاي ئىلگىرى

    مونتاي بەگزادە ھەم كىلىشكەن ھەم ئىنتايىن مەغرۇر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号