باش بەت

راخمان سايكىن

1227يوللانما
7مەستانە

رۇسىيەلىك ئەر قارلىقتا ماڭىدىغان ئۈچ چاقلىق «دالا موتسىكلىتى» ياساپ چىقتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-09-04 18:30 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيەنىڭ Krasnoyarsk رايونى ناھايىتى چەت بولۇپ، سىبىرىيە شەھىرىدىن 37 كىلومېتىر يىراقلىقتا. ئۇ جاينىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، تاغلىقلار كۆپ، تاغ يۈزىنى يىل بويى ئېرىمەيدىغان قارلار قاپلاپ تۇرىدۇ. پېنسىيەگە چىققان Ivan Yushkov ئىسىملىك بۇ ئەر ئۆزى يالغۇز بۇ جايدا 20 يىلدىن ئارتۇق ياشىغان. رەسىمدە: ئۇ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇۋالغان ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنى مىنىپ ماڭماقتا. ئۇنىڭ بۇ موتسىكلىتى قارلىق دالىلاردىمۇ بىمالال يۈرەلەيدۇ.

ئۆزى يالغۇز قارلىق تاغدا ياشايدىغان تۇرمۇشقا نىسبەتەن، بۇ پېشقەدەم كان ئىشچىسى ناھايىتى تەجرىبىلىك. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ بۇرۇن ئۆزى ياسىغان مۇشۇ متوسىكلىتنى مىنىپ، ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتكەن چوڭ قارا ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالغان.

رەسىمدە: Ivan Yushkov نىڭ خۇسۇسىي ئامبىرى. ئامبار ئىچىدە نۇرغۇن قورال جابدۇقلار قالايمىقان چېچىلىپ ياتىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردىكى چېچىلىپ ياتقان قورال جابدۇقلار ئۇنىڭ موتسىكلىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشى ئۈچۈن لازىم بولىدۇ. ئۇ مۇشۇ كىچىك ئامباردىن ئۆزىگە لازىملىق ھەرقانداق زاپچاس ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تاپالايدۇ.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ ياشانغان كان ئىشچىسى تاغدىن چۈشۈپ پەستىكى كەنتتىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا لازىملىق بىر قىسىم زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، تاغدىكى تىنچ تۇرمۇش پەستىكى ۋاراڭ چۇرۇڭغا تولغان دۇنيادىن ياخشى ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号