باش بەت

رۇشەن

2512يوللانما
12مەستانە

ئاپتول ئالماشتۇرغاندا بۇ ئىشنى قىلمىسىڭىز ئالماشتۇرمىغانغا باراۋەر

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-06 20:30 0 ئىنكاس چۈشتى

ھورۇنلۇق قىلىنسا ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ پۇل كېتىدۇ: ئاپتول ئالماشتۇرغاندا بۇ ئىشنى قىلمىسىڭىز بىكار ئالماشتۇرغانغا باراۋەر

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تەھرىر بىر كونا شوپۇر بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇ شوپۇر ئۇستام ئىلگىرى ئاپتول ئالماشتۇرغاندا ئاپتول سۈزگۈچى قىممەت بولغاچقا، كۆپىنچە ھاللاردا پەقەت ئاپتولنىلا ئالماشتۇرۇپ، ئاپتول سۈزگۈچنى ئالماشتۇرمايدىغانلىقىنى، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى چەكلىك بولغاچقا ئاسان ئالغىلى بولمايدىغانلىقى، ئىككىنچىدىن خىراجىتى يۇقىرى بولغاچقا تېجىگۈدەك بولسىلا تېجەش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئۇستامنىڭ قارىشىچە، ھازىر پەن- تېخنىكا تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئاپتوموبىل ياساش ھۈنەر- سەنئىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئاپتول سۈزگۈچنى ئىككى قېتىم ئىشلەتسە چاتاق يوقلۇقى، شۇڭا ئۇنىڭ پەقەت ئاپتولنىلا ئالماشتۇرۇپ، ئاپتول سۈزگۈچنى ئالماشتۇرمايدىغان ئادىتى داۋاملىق ساقلانغان. لېكىن بۇنداق قىلسا راستىنلا بولارمۇ؟

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرگە ئاپتوموبىلنى چوڭ- كىچىك ئاسراش جەريانىدا نېمە ئۈچۈن ئاپتولنىمۇ، ئاپتول سۈزگۈچنىمۇ ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق ئەمەس، بۈگۈن، تەھرىر باۋ گې كۆپچىلىككە ئاپتول ۋە ئاپتول سۈزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

ئاپتول سۈزگۈچنىڭ قانداق رولى بار؟

ئاپتول سۈزگۈچنىڭ ئاپتول ئىچىدىكى چۆكمە قاتارلىق ئارىلاشما ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، پاكىز ئاپتولنى ھەرقايسى زاپچاسلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق، سىلىقلاش، سوۋۇتۇش ۋە پاكىزلاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا زاپچاسلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش رولىنى ئوينايدۇ.

ئەگەر ماتورنى ئاپتوموبىلنىڭ يۈرىكىگە، ئاپتولنى ئاپتوموبىلنىڭ قېنىغا ئوخشاتساق،ئۇنداقتا ئاپتول سۈزگۈچ ئاپتوموبىلنىڭ ئۆپكە ۋە جىگىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئاپتول ئالماشتۇرغاندا ئاپتول سۈزگۈچنى چوقۇم ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ؟

جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، چوقۇم بىللە ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئاپتول ئالماشتۇرغاندا ئاپتول سۈزگۈچ ئالماشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا ئاقىۋەت يەنىلا ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ.

ئاپتول سۈزگۈچ ئۇزاققىچە ئالماشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا ئاپتول سۈزگۈچ دۇغ ۋە چۆكۈندى ماددىلار تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ ھەمدە بۇلغىغۇچى ماددىلار بىۋاستە ماتورغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دېتاللارنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

ئاپتول ئالماشتۇرغان چاغدا پەقەت ئاپتوللا ئالماشتۇرۇلۇپ ئاپتول سۈزگۈچ ئالماشتۇرۇلمىسا، كونا ئاپتول سۈزگۈچ ئىچىدىكى بۇلغىما ماددىلار قايتىدىن يېڭى ئاپتولغا ئارىلىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئاپتول ئالماشتۇرۇش تېگىشلىك ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ .

ھازىرقى ئاپتوموبىل ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ھەرگىزمۇ ئاپتول سۈزگۈچنى ئىككى قېتىم ئىشلەتسە چاتاق يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتولىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ئاپتول ئالماشتۇرغان چاغدا ئاپتول سۈزگۈچ ئالماشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا سىز ئالماشتۇرغان ئاپتول ئالماشتۇرمىغانغا باراۋەر!

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号