باش بەت

ئەلى

1883يوللانما
1مەستانە

ئامېرىكا تارىخىدىكى ئون چوڭ دەھشەتلىك قارا بوران ئاپىتىگە نەزەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-06 22:30 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

1· 1990-يىلىدىكى گالۋېستون قارا بورىنى. تەخمىنەن 8000دىن 12مىڭغىچە ئادەم ئۆلگەن.

بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر قارا بوران ئاپىتى بولۇپ قارا بوران دەرىجىسى 4-دەرىجە ھەتتا

5-دەرىجىگە ، شامال تېزلىكى سائىتىگە 210 كىلومېتىردىن 250 كىلومېتىرغىچە يەتكەن.

 2. 1928-يىلىدىكى سانىت فىلىپ قارا بورىنى. 2500 ئادەم ئۆلگەن؛ بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىككىنچى چوڭ قارا بوران ئاپىتى، ئۆلگەن ئادەم سانى 2500دىن ئېشىپ كەتكەن .بۇ بوراننىڭ دەرىجىسى تۆتكە، شامال تېزلىكى سائىتىگە 230 كىلومېتىرغا يەتكەن دەپ قارالغان. 

 3. 2005-يىلىدىكى كاتىرىنا قارا بورىنى. ئۆلگەن ئادەم سانى 1200؛ بۇ قېتىملىق بوراننى 21-ئەسىردىكى سېسىق نامى ئەڭ پۇر كەتكەن قارا بوران دېيىشكە بولىدۇ،بۇ بوران مەيئامىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندا دەرىجىسى بەش بولۇپ، كېيىن ئۈچكە تۆۋەنلىگەن. بۇ قېتىملىق بوران 1200 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپلا قالماستىن، يەنە 108مىليارد دوللار ئىقتىسادىي زىيان سالغان، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور بەدەل تۆلەنگەن بوران ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ. 

 4. 1919-يىلىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان قولتۇقى قارا بورىنى. 600دىن 900گىچە ئادەم ئۆلگەن.

بۇ قېتىملىق 4-دەرىجىلىك قارا بوران مېكسىكا قولتۇقىنى قاپلىغان بولۇپ، قۇرۇقلۇققا چىققاندا 

3-دەرىجىگە تۆۋەنلىگەن. 

 5. 1957-يىلىدىكى ئاۋدېل قارا بورىنى، 416 ئادەم ئۆلگەن: ئامېرىكا 1953-يىلىدىن باشلاپ 

ئاياللارنىڭ ئىسمىنى قارا بوراننىڭ ئىسمى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئاۋدېل قارا بورىنى

20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك قارا بوران بولۇپ، مېكسىكا قولتۇقىدىن كۆتۈرۈلۈپ 

ئەڭ ئاخىرىدا تېكساس ئىشىتاتىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. 

6. 2012-يىلىدىكى ساندى قارا بورىنى، 285 ئادەم ئۆلگەن: ساندى قارا بورىنى بولسا ئامېرىكا

تارىخىدىكى تۆلەنگەن بەدەل ئىككىنچى چوڭ بولغان قارا بوران ئاپىتى بولۇپ، 71 مىليارد 400 مىليون دوللار ئىقتىسادىي زىيان سالغان. ئۇ پەيدا قىلغان قاتتىق بوران ۋە قارا يامغۇر نىيۇيوركنىڭ شەھىرىنىڭ تىرانسىپورت سىستېمىسىنى بېسىپ كېتىپ، مىڭلىغان ئائىلىنىڭ خانىۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 

 7. 1938-يىلىدىكى يېڭى ئېنگىلاند قارا بورىنى، 256 ئادەم ئۆلگەن : ئۇ بودورىگقا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتىكى دەرىجىسى 5 بولۇپ، كېيىن شىمالغا قاراپ يۆتكەلگەن ۋە 3-دەرىجىگە تۆۋەنلىگەن. 

 8. 1969-يىلىدىكى كامىللې قارا بورىنى، 256 ئادەم ئۆلگەن: بۇ قارا بوران مېكسىكا قولتۇقىدىن 

كۆتۈرۈلگەن ۋە 5-دەرىجىلىك كۆلەم بىلەن پۈتۈن مىسسىسىپىي دەرياسىنى قاپلىغان .

بۇ قېتىملىق بوران 256 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىككىنچى 

كۈچلۈك قارا بوران دەپ ئاتالغان. 

9. 2008-يىلىدىكى قارا بورا ئەيكا، 195 ئادەم ئۆلگەن: بۇ قېتىملىق قارا بوران ئامېرىكا تارىخىدىكى تۆلەنگەن بەدەل 3-چوڭ قارا بوران ئاپىتى دەپ ئاتالغان، 29 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق زىيان سالغان.

 10. 1972-يىلىدىكى ئەيگىنىس قارا بورىنى، 122 ئادەم ئۆلگەن : بۇ بوران پېنسىلۋانىيە ئىشىتاتىدا 

قۇرۇقلۇققا چىققان، گەرچە بۇ بوراننىڭ دەرىجىسى 1-دەرىجە، شامال تېزلىكى سائىتىگە 150~120 كىلومېتىر دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا 122 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号