باش بەت

ئابدۇغېنى مۇئەللىم

134يوللانما
0مەستانە

داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭ لۇڭ زادى قانچىلىك باي؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-09-08 14:32 0 ئىنكاس چۈشتى


  چېڭ لۇڭ خەلقئارالىق داڭلىق گۇمپا چولپىنى، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ «ئۆمۈرلۈك تۆھپە» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگولۇق بىردىن-بىر سەنئەتكار، بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن چېڭ لۇڭ ئۆمرىدە ئارتىس، رېژىسسور، سېنارىست، فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ تاكى 2016-يىلىغىچە پۈتۈن يەر شارى كىنو بېلەت كىرىمى 20 مىلياردتىن ئاشقان، شەك-شۈبھىسىزكى ئۇ ناھايىتى باي، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قانچىلىك پۇلى بار؟

  كۆپچىلىك چېڭ لۇڭنىڭ فىلىمدە ئۆزىلا رول ئالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىغان، بىر قېتىم تاراتقۇلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن مايۈننىڭ پۇلىنىڭ پەرقىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ پۇلىنىڭ مايۈننىڭكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى، لىكىن ئۇنىڭكىدىن ھەرگىز قىلىشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، قارىغاندا چېڭ لۇڭنىڭ ھەقىقەتەن كۆپ پۇلى بار ئوخشايدۇ.

1- شەخسىي ئايروپىلان

  نۇرغۇن باي چولپانلارنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى بار، جاۋ بېنشەن ۋە چېڭ لۇڭ قاتارلىقلار ئەڭ دەسلەپ شەخسىي ئايروپىلان سېتىۋالغان بولۇپ، چېڭ لۇڭ 200 مىليون قىممىتىدە شەخسىي ئايروپىلانى سېتىۋالغان بولۇپ، 13 يولۇچى سىغىدىكەن.

2- ئۆي مۈلۈك

 پۇلدارلار ئۆي مۈلۈك سېتىۋېلىشقا ئامراق، ئەلۋەتتە چېڭ لۇڭمۇ شۇنداق، ئۇنىڭ ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نۇرغۇن ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرى بار بولۇپ، بېيجىڭدىكى ھەشەمەتلىك ئۆيىنىڭ ئۆزىلا يۈز نەچچە مىليونغا يارايدىكەن.

3- نەچچە يۈز مىليونلۇق مۇسابىقە ماشىنىسى

 چېڭ لۇڭنىڭ مۇسابىقە ماشىنىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇ مىتسۇبىشى 三菱 ماركىلىق ماشىنىنى بەك ياقتۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ماشىنا شىركىتىگە 30 يىلغا يېقىن ئوبراز ۋەكىلى بولغان ئىكەن.

4. ئاسارە- ئەتىقە يېغىپ ساقلاش

  چېڭ لۇڭنىڭ يىغقان ئاسارە-ئەتىقىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 8 ئامبارغا لىق كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شۈ بېيخۇڭنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى، قىممىتى 2 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان ئىگەر قاتارلىق بۇيۇملار بار ئىكەن. ئۇنىڭ يەنە قىممىتى 100 مىليونغا يېتىدىغان قىممەتلىك قىزىل ساندال ياغىچىدىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرىدىن 10 مىڭ دانە ئەتراپىدا بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قىممىتى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان قىزىل ساندال ياغىچىدىن ئويۇپ ياسالغان شىرە، بىر جۈپى 2000 يۈەنلىك قىزىل ساندال ياغىچىدىن ياسالغان چوكا قاتارلىقلار بار ئىكەن، بۇلارنى يىغىپ ساقلىغىلى 20 يىلدىن ئېشىپتۇ.

   لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىنىڭ يەنىلا كىنو ئىكەنلىكىنى، كىنو ئىشلەش ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى بولۇپ، ئىشلىگەن كىنولىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنى يۇقارقى نەرسىلەرگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号