باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8896يوللانما
441مەستانە

كىشىلەرنىڭ زىيادە سېمىز ئايالنى كۆرگەندىكى چىراي ئىپادىلىرى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-10 14:33 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر سىز كوچا-كويلاردا بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، قانداق تۇيغۇغا كېلىسىز؟ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلامسىز ياكى ئۇلارنى زاڭلىق قىلامسىز؟ كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز دائىم ئاشۇنداق كىشىلەرنى ئۇچرىتىمىز. بەزى كىشىلەر ئۇلارنى ھەقىقەتەن كۆزگە ئىلمايدۇ، ھەتتا ئۇلارغا سوغۇق نەزىرى بىلەن قارايدۇ. بىراق ئۇ كىشىلەر ئاشۇ كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قىلىشنى نەقەدەر ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.

ئامېرىكىدىن كەلگەن فوتوگراف ھېررىيمۇ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئادەتتىكى تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن دائىم ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېررىي ھەر خىل ئاممىۋىي سورۇنلادا كۆزەتكۈ ئورنىتىپ، نۇرغۇنلىغان سۈرەتلەرنى تارتتى. ئەڭ دەسلەپتە ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتىشىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر توپىدىن يالغۇزلۇق، غېرىبلىققا تولغان سىماسىنى تارتىشنى ئويلىغان بولۇپ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ ئۆزىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندىكى چىراي ئىپادىسىنىڭ تولىمۇ غەلىتە ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. شۇنداق قىلىپ، ھېررىي مۇشۇ يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ غەيرىي چىراي ئىپادىسىنى باش تېما قىلىپ، بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى تارتتى.

ھېررىي مۇنداق دېدى: «گەرچە مەن يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ماڭا قارىغاندىكى چىراي ئىپادىسىنىڭ تولىمۇ غەلىتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم».

يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر دائىم قاتتىق چۆچۈگەن نەزەردە قارايدىغان بولۇپ، بەزىدە تېخى چارلاش ساقچىلىرى ھېررىينىڭ كەينىدىن زاڭلىق قىلغانىدى.

ئۇ ھەر قېتىم كىشىلەر توپىدا پەيدا بولغاندا، باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزىرى ۋە ھەيرانلىق قاراشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.

ئۇ بەزىدە مىغ-مىغ ئادەملەر توپىدا كېتىۋاتسىمۇ، ئۆزىنى شۇنچىلىك يىگانە ھېس قىلدىغان بولۇپ، ھەر قانداق جايدا، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىلىك قاراشلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

بەزىدە، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر ئۇنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى» بەدەن شەكلىنى كۆرگەندە، ئۆزىنىڭ ھەيرانلىقىنى يوشۇرۇپ بولالماي، ئىختىيارسىز «كۈلۈپ» سالىدۇ. ئەمما ئۇلار مۇشۇ چاغدا ھېررىينىڭ كۆڭلىنىڭ قانچىلىك ئازابقا تولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.

ئۇنىڭ يالغۇز ئىلەڭگۈچتە ئولتۇرغان ھالىتىمۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەر خىل چىراي ئىپادىسىدىن گەرچە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېررىينىڭ ئاشۇ تۇرقىغا قاراپ «بىزارلىق» ھېس قىلغانلىقىنى ھەتتا كىچىك بالىلارنىڭمۇ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ھېررىينىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكەتلىرى يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ دىققىتنى تارتتى. بەزىلەر ئۇنىڭ نېمە قىلۋاتقىنىغا قىزىققان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى» بەدەن شەكلىگە قاراپ قوياتتى.

ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقىغا خۇددى ئېچىنغاندەك قاراپ قوياتتى. ئۇلاردىكى مەنستمەسلىك، كۆزگە ئىلماسلىق ھەتتا زاڭلىق قىلىشلار ھېررىي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ دىلىغا قانچىلىك ئازاب بولىشىنى بىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن.

يەنە بەزىلەر تېخى ئۇنىڭ قولاشمىغان ھەرىكەتلىرىنى زاڭلىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. 

ئەتراپىمىزدا ھېررىيگە ئوخشاش كىشىلەر خېلىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلار بىرەر ئاۋارىچىلىككە يۇلۇقسا، ياردەم قولىنى سۇنۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۇلارنى زاڭلىق قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە شۇ خىل كىشىلەر بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىمىزگە، ئىللىق چىرايىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىشمىزغا ئەڭ ئېھتىياجلىقتۇر.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号