باش بەت

ئابدۇغېنى مۇئەللىم

134يوللانما
0مەستانە

چېڭ لۇڭنىڭ ئەڭ نادىر 10 فىلىمى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-09-11 19:15 0 ئىنكاس چۈشتى

چېڭ لۇڭنىڭ ئەڭ نادىر 10 فىلىمى

  نەچچە كۈندىن بېرى چېڭ لۇڭ يەنە قىزىق نوقتىغا ئايلاندى، ئۇ توغىرىسىدا يەنە ئۆسەك گەپلەر تارقالدىمۇ نىمە؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭ خۇشاللىق ئىش ئەلۋەتتە. ئەينى يىللاردا ئۇ لى شياۋلۇڭ ئىشلىگەن «ئەجدىھا بىلەن يولۋاسنىڭ ئېلىشىشى 龙争虎斗»، «جىڭۋۇ سارىيى 精武门» قاتارلىق فىلىملەردە قوشۇمچە رول ئالغان ئىدى، ھېچكىممۇ ئۇنى بۈگۈنگە كەلگەندە بۇنداق كاتتا شەرەپكە ئېرىشىشىنى ئويلاپ باقمىغان، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە لى شياۋلۇڭنىڭ ئۇنى ياخشى يېتەكلىگىنىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. تۆۋەندە بىز چېڭ لۇڭنىڭ ئەڭ نادىر 10 فىلىمى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.

1. «خۇڭفەن رايۇنى 红番区»

  ئاشۇ يىللاردا بۇ فىلىم مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قويۇلۇپ، بېلەت كىرىمى جەھەتتە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن چېڭ لۇڭ ئامېرىكا كىنو بازىرىغا ئوڭۇشلۇق كىرگەن ھەمدە مۇشۇ فىلىمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنى خەلقئاراغا تونۇتقان. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ئامېرىكا كىنو بازىرىنى زىل-زىلىگە سالغان. بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا تامدىن سەكرەش كۆرۈنۈشىدە ئۇنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن، قايتىدىن نەزەر سالىدىغان بولساق بۇ فىلىم ھەقىقەتەنمۇ كاتتا فىلىم دىيىشكە بولىدۇ.

2. «ھالقىلىق پەيتتە 峰时刻» يۈرۈشلۈك فىلىمى

  بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى دەرۋەقە ئادەمنى ئانچە قىزىقتۇرالمايدۇ، چېڭ لۇڭنىڭ ھوللىۋودتا ئىشلىگەن فىلىملىرىنىڭ ئىچىدە پەقەت «گۇمپا چۈشى 功夫梦» فىلىمىلا ئەڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن، ئەمما فىلىم سۈپىتى جەھەتتە «ھالقىلىق پەيتتە 峰时刻» فىلىمى ئۇنىڭ فىلىملىرى ئىچىدە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىرگەن. فىلىمدىكى ھەرىكەتلەر ئانچە جىددىي ئەمەس، قارا تەنلىك پېرسوناژنىڭ كۈلكىلىك ھەرىكەت، گەپ-سۆزلىرى بىزنى بىزار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، بۇ يۈرۈشلۈك فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى چېڭ لۇڭ فىلىملىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن (ئۈچلا بۆلۈمنىڭ بېلەت كىرىمى 100 مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان ئىكەن)، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامېرىكىدىكى 1-سەپتىكى كىنو ئارتىسلىرى قاتارىغا كىرگەن، بۇ بىر جۇڭگولۇققا نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ مۈشكۈل ئىش ئەلۋەتتە. 2-بۆلۈمدە لاسۋېگاستىكى قىمارخانىنى مالىمان قىلىدىغان كۆرۈنۈشتە، ھەرىكەتلەر تولىمۇ چاققان، ئادەمنى پۇخادىن چىقىرىدۇ. 3-بۆلۈمىدە چېڭ لۇڭ بىلەن رېژىسسور بۇ فىلىمگە زور ئەجىر سىڭدۈرگەن، فىرانسىيە كوچىلىرىدىكى ماشىنا بىلەن قوغلىشىش، ئېففېل تۆمۈر مۇنارىدىكى ئېلىشىش قاتارلىق كۆرۈنۈشلەردە يەنىلا چېڭ لۇڭنىڭ ئۆزىگە خاس ھەرىكەتلىرى نامايەن قىلىنغان، چېڭ لۇڭمۇ پۈتۈن كۈچىنى چىقارغان بولغاچقا بۇ فىلىم ھوللىۋودنىڭ ئەڭ ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

3. «ئالاھىدە دېلو گۇرۇپپىسى 重案组»

  ساقچى بىلەن ئوغرىنىڭ ئېلىشىشى تەسۋىرلەنگەن بۇ فىلىمدە چېڭ لۇڭ ئۆزىنىڭ ئوت يۈرەك ساقچى ئوبرازىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىپ، بۇ فىلىمى بىلەن تۇلپار مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ھەمدە تۇنجى بولۇپ شياڭگاڭ-تەيۋەن كىنو مۇكاپاتىنىڭ «كىنو شاھى 影帝» بولغان. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ئەگرى-توقاي، كۆرۈنۈشلىرى بەك ھەيۋەتلىك، تەسىرلىك.

4. «قوش ئەجدىھانىڭ ئۇچرىشىشى 双龙会»

  بۇ فىلىمدە نۇرغۇن داڭلىق ئارتىسلار رول ئالغان، شۇنداقلا داڭلىق رېژىسسور شۈ كې بىلەن لىن لىڭدۇڭ بىللە رېژىسسورلۇق قىلغان، چېڭ لۇڭ، جاڭ مەنيۈ، لى جى قاتارلىقلار باش رولغا چىققاندىن باشقا يەنە جاڭ ئەيجيا، ليۇ جيالياڭ، ۋاڭ جىڭ، تەيدى روبىن قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلار قوشۇمچە رول ئالغان، فىلىمدە داڭلىق ئارتىسلار كۆپ بولغاندىن باشقا فىلىم ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن، ھەرىكەتلەر يۇمۇرلۇق، چېڭ لۇڭ مىجەزى قىلچە ئوخشىمايدىغان ئىككى پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى ئۇستىلىق بىلەن ياراتقان.

5. «مۆجىزە 奇迹»

  بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى غەلىتە، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرىيدىغان بىر يىگىت بىردىنلا قارا گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشى بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۈل ساتقۇچى موماينى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش جەريانىدا تۈرلۈك غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىدۇ. فىلىم ۋەقەلىكى قىزىقارلىق، ھەرىكەتلەر جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا بېلەت كىرىمىدە كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكەن، چېڭ لۇڭ فىلىملىرىدىكى يۇقىرى نەتىجىنى ياراتقان.

6. «ساقچى ھېكايىسى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرى

  بۇ فىلىم ئېلگىرى جەمئىي 4 بۆلۈم ئىشلەنگەن، كىيىن يەنە «يېڭى ساقچى ھېكايىسى 新警察故事»، «ساقچى ھېكايىسى 警察故事2013» قاتارلىقلار ئىشلەنگەن، ھەممىسى چېڭ لۇڭنىڭ ئېسىل فىلىملىرى قاتارىغا كىرگەن، ھەممىسىدە يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى بېلەت كىرىمى ياراتقان. چېڭ لۇڭ فىلىمدە تىز پۈكمەس ساقچىنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى ياخشى يارىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قارا گۇرۇھنى تولۇق بويسۇندۇرىدۇ. بۇ فىلىم چېڭ لۇڭ فىلىملىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن يەنە يەر شارى مىقياسىدا ئىشلەنگەن ساقچى بىلەن ئوغرىنىڭ ئېلىشىشى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەرگە ئابىدە تىكلەپ بەردى.

7. «رىۋايەت 神话»

  بۇ فىلىمگە شياڭگاڭلىق رېژىسسور تاڭ جىلى رېژىسسورلۇق قىلغان، چېڭ لۇڭ، جىن شىشەن، لياڭ جياخۇي قاتارلىقلار باش رول ئالغان، بۇ فىلىم چېڭ لۇڭ ئىشلىگەن تۇنجى قەدىمقى ئۇسلۇبتىكى فىلىم بولۇپ، 160 مىلىيون شياڭگاڭ پۇلى مەبلەغ سېلىنغان، ھىندىستاندىكى Hampi قەدىمى مەدەنىيەت يادىكارلىقى، شىئەندىكى چىن شىخۇاڭنىڭ ئات-ئەسكەر ھەيكەللىرى قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان. 2006-يىلى بۇ فىلىم 25-نۆۋەتلىك شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى ئالتۇن ئات مۇكاپاتىغا، شۇ يىلى يەنە «بارچە گۈللەر» مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى رېژىسسور مۇكاپاتىغان، 2007-يىلى خۇا بياۋ مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر ھەمكارلىشىپ ئىشلەنگەن فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

8. «مەست گۇمپىسى» يۈرۈشلۈك فىلىمى

  يۈەن خېپىڭ ئىشلىگەن 1-بۆلۈمى چېڭ لۇڭنىڭ 70-يىللاردىكى  ۋەكىل خاراكتىرىدىكى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. ليۇ جيالياڭ رېژىسسورلۇق قىلغان 2-بۆلۈمى 90-يىللاردا ناھايىتى زور مۇۋاپىقىيەت قازاندى، ئەمما ئىككىلا بۆلۈم فىلىمنى ھەقىقەتەنمۇ كىلاسسىك فىلىم دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

9. «مەن كىم»

  بۇ فىلىمگە چېن مۇشېڭ، چېڭ لۇڭ بىللە رېژىسسورلۇق قىلغان، چېڭ لۇڭ، Michelle Laure Miho Ferre، مىراي ياماموتو قاتارلىقلار باش رول ئالغان. بۇ فىلىم 1998-يىلى يېڭى يىلدا قويۇلغان، فىلىمدە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جەنۇبى ئافرىقىدا «خىسلەتلىك تاش» نى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن جېك قاتارلىق 11 نەپەر ئالاھىدە ھەرىكەت ئەتىرىتى خادىمىنى ئەۋەتكەنلىكى، جېكنىڭ خاتىرىسىنى يوقىتىپ، مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. 

10. «يالقۇن ئوت 霹雳火»

  بۇ فىلىم جياخې كىنو شىركىتى ئىشلىگەن ماشىنا مۇسابىقىسى تەسۋىرلەنگەن فىلىم بولۇپ، چېن جياشاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، چېڭ لۇڭ، يۈەن يوڭيى قاتارلىقلار باش رول ئالغان، 1995- يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى شياڭگاڭدا تۇنجى قويۇلغان. فىلىمدە ئا خونىڭ ياپۇنىيەدىكى ماشىنا مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلىقى، قارا گۇرۇھ بىلەن مۇسابىقىلىشىپ غەلبە قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号