• بۈگۈندۈشەنبە
  • مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر

    ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

    ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 3-ئايلانما: بارسېلونا 1-2 ئالاۋېس

    مەنبە : dongqiudi.comتەھرىر : saparkul ئىنكاس : 0يوللانغان ۋاقىت : 2016-09-11 09:49

    خىزمەت ئۇچۇرلىرى ماشىنا ئۇچۇرلىرى ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرى تۇرمۇش ئۇچۇرلىرى لايىق ئىزدەش

    9-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 2:30 يېرىمدا ئوينالغان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 3-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئالاۋېس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئالاۋېس كوماندىسىدن دېيۋېرسون چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بىر توپ ئۇرۇپ، ئالاۋېس كوماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. كېيىن نېيمار بۇلۇڭ توپ باشلىدى، ماتىھۇ باش توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا ماسچېرانونىڭ مۇداپىئەدىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىباي (Ibai Gómez Pérez) بىر توپ ئۇرۇپ ئالاۋېس يەنە ئالدىغا ئۆتتى.كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي بارسېلونا كوماندىسى 2:1 نەتىجىدە ئالاۋېس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغنى شۇكى، سۇئارىز زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، بارسېلونادىكى 100-مەيدان رەسمىي مۇسابىقىسىنى تاماملىدى. 

    مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا ئالاۋېس كوماندىسىدىن فېمېنىئا ئوڭ تەرەپتىن چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاس تاشلىدى، دېيۋېرسون چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0:1 گە ئۆزگەرتتى.

    كېيىنىكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ بىر مىنۇتتىن كېيىن، بارسېلونا بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. نېيمار بۇلۇڭ توپ تاشلىدى، ماتىھۇ باش توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، نەتىجە 1:1 بولدى. 

    مۇسابىقىنىڭ 60-مىنۇتىدا مېسسى دەننىس سۇئارىز بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. 

    مۇسابىقىنىڭ 64-مىنۇتىدا ئىباي چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:2 گە ئۆزگەرتتى.

    مۇسابىقىنىڭ 66-مىنۇتىدا سۇئارىز مەيدانغا چىقتى. كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي بارسېلونا 2:1 نەتىجىدە ئالاۋېس كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، يېڭى پەسىلدىكى تۇنجى مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى. 

    بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تېخنىكا ئىستاستىكىسى 

    ئىككى تەرەپ توپچىلىرىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى 



    ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
    ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
    新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
    Powered by Nur.cn © 2013
    新公网安备 65010202000070号