باش بەت

رۇشەن

2837يوللانما
147مەستانە

پېپسى بىلەن كوكا-كولا كەلگۈسىدە نېمىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-13 19:57 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى مالىيە قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

   BIنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سودا ئىچىملىكلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، كوكا-كولا بىلەن پېپسى كولا كەسپىي نەتىجىسىنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىدە بوتۇلكىلىق سۇغا كۆز تىكىشكە باشلىدى.

   ئۆتكەن 15 يىل ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ بوتۇلكىلىق سۇ سېتىش سوممىسى ئاللىقاچان بىر ھەسسە قاتلانغان بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار پەقەت 2015-يىلىدىلا 11 مىليارد 700 گاللون بوتۇلكىلىق سۇ سېتىۋالغان، لېكىن، تەنقىدچى زاتلار قارىماققا ساغلام كۆرۈنىدىغان بوتۇلكىلىق سۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاشۇنداق ساغلام ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا بەس-بەستە ئۆز گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئامېرىكا مۇھىت ئاسراش خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى نوپۇزلۇق سانلىق مەلۇمات ئانالىزچىسى پاۋل پېستانو مۇنداق دېگەن: «تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ قۇرۇلۇشلىرى ھەر يىلى ئۆز زاۋۇتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى ۋە بۇلغىمىلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چوقۇم ئېلان قىلىشى كېرەك، لېكىن بوتۇلكىلىق سۇ شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشى تېخى تەلەپ قىلىنمىدى. بۇ يەنە بىزنىڭ بوتۇلكىلىق سۇغا قانداق تازىلاش ۋە سۈزۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغانلىقىنى، شۇنداقلا سۇ ئىچىدە يەنە قانچىلىك قالدۇق ماددا بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ».

  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بوتۇلكىلىق سۇغا دائىم «تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ بىخەتەر» دېگەن بەلگىلەر چاپلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بوتۇلكىلىق سۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تۇرۇبا سۈيى بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرىگە ئوخشاش ئۇنچە كۆپ ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىنىڭ ھاجىتى يوق».

  ئەمەلىيەتتە، مۇھىت ئاسراش خىزمەت گۇرۇپپىسى 2008-يىلىلا ئون چوڭ ماركىدىكى بىر قاتار يۈرۈشلۈك بوتۇلكىلىق سۇنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىگەن، نەتىجىدە 38 خىل بۇلغىما ماددا بايقالغان. بۇنىڭدىن سىرت، خىمىيىلىك ئۇسۇلدا سىناق قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇلار ئىچىدىكى ئىككى چوڭ داڭلىق ماركىنىڭ ئادەتتىكى تۇرۇبا سۈيى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقى بايقالغان. ئۇنداقتا، تۇرۇبا سۈيى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق بولسا، كىشىلەر يەنە نېمىشقا كۆپ پۇل خەجلەش ئارقىلىق بوتۇلكىلىق سۇ سېتىۋالىدىغاندۇ؟

    جاۋابى شۇكى، داڭلىق ماركىنىڭ كۈچى.

   2014-يىلى، جون جاي ئېئارل ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بوتۇلكىلىق سۇ ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان <ئەسىر سېتىش ئالدامچىلىقى>».

   ئۇ بوتۇلكىلىق سۇ ساتىدىغان كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئامال ۋە چارە- ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئىستېمالچىلارنى قەنتلىك سودا ئىچىملىكلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بوتۇلكىلىق سۇ سېتىۋېلىشنىڭ بىر خىل تېخىمۇ ساغلام بولغان تاللاش ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە قايىل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزىدە چىڭ تۇرغان.

   لېكىن، ئەمەلىيەت شۇكى، بۇ خىل سېلىشتۇرۇش بىر خىل خاتا سېلىشتۇرۇشتۇر. بوتۇلكىلىق سۇنى ھەرگىزمۇ قەنت تەركىبلىك سودا ئىچىملىكىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. گەرچە باھاسى بوتۇلكىلىق سۇدىن 2000 ھەسسە ئەرزان بولغان بىر ئىستاكان تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر نېمىشقا بوتۇلكىلىق سۇنى سېتىۋېلىپ ئىچىدۇ دېگەندە، بۇنىڭ سەۋەبى ئىستېمالچىلار ئۆزىگە بىر كەسىپ ئەھلى ۋە ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوبراز يارىتىش ئۈچۈندۇر.

ئوزۇقلۇقنىڭ تەكشىلىكىگە دىققەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغان ئاشۇنداق ئىستېمالچىلار دەل پېپسى كولا ۋە كوكا-كولا قاتارلىق سودا ماگناتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بوتۇلكىلىق سۇ كەسپىدىكى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىستېمالچىلار توپىدۇر. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ تاكتىكا ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بولغان.

  ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر بازىرىدا، بوتۇلكىلىق سۇ ھالىنى ئات تارتالمايدىغان چوڭ مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى: Dasani، Aquafina، Poland Springs قاتارلىق داڭلىق ماركىدىكى بوتۇلكىلىق سۇلارنىڭ 2015-يىلىدىكى بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكى %6.5تىن %11.4گە ئۆرلىگەن. سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە، ئامېرىكىلىقلار ئىستېمال قىلغان كوكا-كولا ۋە پېپسى كولا ئايرىم- ئايرىم ھالدا %1 ۋە %3.2 ئازايغان.

  مۇشۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككى شىركەت پات ئارىدا ئەسلىدىكى ئوخشاش ئىسىملىك مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا يېڭىچە سېتىشتىكى ئېشىش نۇقتىسى ئىزدەيدىغان بولدى.

   پېپسى كولانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىندرا نويى 4-ئايدا ئۆز شىركىتىنىڭ ھازىرقى يەر شارى بويىچە سېتىش سوممىسى ئىچىدە، سودا ئىچىملىكىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %25كىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭدەك شىركەتنىڭ بۇ ھازىرقى تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسى ساغلام ئۇششاق- چۈششەك يېمەكلىكلەر ۋە غەيرىي گازلىق ئىچىملىكلەر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.

  كوكا-كولادىمۇ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرگەن: چاي، مېۋە شىرنىسى ۋە بوتۇلكىلىق سۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، لېكىن سودا ئىچىملىكلىرىنىڭ سېتىلىشى ئۈزلۈكسىز ئازىيىپ كەتكەن.

   7-ئايدا، سوئال- جاۋاب ھالقىسى ئىچىدە، كوكا-كولانىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارى جامېس كۇنسېي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «2000-يىلىدىن بۇيان، بىزنىڭ بوتۇلكىلىق سۇلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي سېتىش سوممىسى ئىچىدە ئىگىلىگەن نورمىسى %10تىن ئازغىنا كەم %30كە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى».

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بوتۇلكىلىق سۇنىڭ قىممىتى 13 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازىرى بار ئىكەن. شۇنداقتىمۇ، لوگىكا جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ بازارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئەسلا زۆرۆرىيىتى يوق بولسىمۇ، لېكىن بوتۇلكىلىق سۇ ساھەسىدە يەنىلا ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەش يۆنىلىشى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ گازلىق ئىچىملىكلەرگە بارغانسېرى قىزىقمايدىغان بولۇپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، پېپسى كولا ۋە كولا- كوكادەك بۇنداق ئىچىملىك ماگناتلىرى جەزمەن بوتۇلكىلىق سۇغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号