باش بەت

جاھانكەزدى

14374يوللانما
10مەستانە

ئامېرىكا تارىخىدىكى كەم ئۇچرايدىغان 10 سۈرەت

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-09-16 12:31 0 ئىنكاس چۈشتى

بۇ سۈرەتلەر ئامېرىكىدىكى تاراتقۇ خىزمەتچىلىرى تاللاپ چىققان 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىردىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە سۈرەتلەر بولۇپ، ھەر بىر پارچە سۈرەت بىر بۆلەك ھېكايىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سۈرەتتە: جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېتتىسبۇرگ ئۇرۇشى (Gettysburg Campaign)، ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتى ھەممە يەرگە تولۇپ كەتكەن بولۇپ، دەل مۇشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، شىمال ئارمىيەسى ئۇرۇشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 

سۈرەتتە: سان فىرانسىسكودىكى ئېغىر يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈش. 1906-يىلى 4-ئايدىكى بۇ يەر تەۋرەشنى ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئاپەت دېيىشكە بولىدۇ. 

سۈرەتتە: ئەسكەرلەر نۇتۇق سۆزلەش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىننى ئارىغا ئېلىۋالغان بولۇپ، دەل مۇشۇ گېتتىسبۇرگ (Gettysburg) نۇتۇقى ئەسكەرلەرنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، كېيىنكى گېتتىسبۇرگ ئۇرۇشىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، غايەت زور بەدەل بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھاياتىنى ئېلىپ كەلگەن. 

سۈرەتتە: ئۆلتۈرۈلگەن ياۋا كالىلارنىڭ تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن باش سۆڭىكى بولۇپ، كۆرگۈچىلەرنى تىترەك باسىدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدا 19-ئەسىردە پۈتۈنلەي كونتروللۇقىنى يوقاتقان قانلىق يۇڭ-تېرە ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى بار. 

سۈرەتتە: رايت ئاكا-ئۇكىلار دۇنيادىكى تۇنجى ئايروپىلاننى سىناق قىلماقتا، بۇنى دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئۇلۇغ كەشپىيات دېيىشكە بولىدۇ. 

سۈرەتتە: 1936-يىلىدىكى يەر شارى ئىقتىسادى كىرىزىسى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، بىر ئۈمىدسىزلەنگەن ئانا ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسى. بۇ مەزگىل يەنە ئامېرىكىنىڭ ‹ئامېرىكىنىڭ چوڭ كاساتلىشىش› مەزگىلى دەپ ئاتالغان. 

سۈرەتتە: 1937-يىلى ھىندېنبۇرگ (Hindenburg) ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ پارتلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشى، بۇ ۋەقە ئادەملىك ئۇچار كېمە دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. 

سۈرەتتە: 1944-يىلى 6-ئايدا، ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىيە دېڭىز ساھىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ گۇمران بولۇشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 

سۈرەتتە: بىر توپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىۋو جىما (Iwo Jima) ئارىلىدا ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى تىكلىمەكتە، بۇ ئۈچ يىللىق قانلىق ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئىشىك ئالدىغا يېتىپ كەلگەنلىكى، ياپون فاشىستلىرىنىڭ ھالاك بولۇش كۈنىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. 

سۈرەتتە: 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋە 9-كۈنى، ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ خىروسىما ۋە ناگاساكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغاندىن كېيىن كۆتۈرۈلگەن ئاخۇنباش شەكىللىك بۇلۇت. بۇ ئىنسانلار تارىخىدا يادرو قورالىنىڭ شەھەرگە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号