باش بەت

ئۇيغۇر

479يوللانما
6مەستانە

ئاۋغۇسىتتىكى ئامېرىكا ئون چوڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل رەت تەرتىپى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-17 23:59 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى ئاپتوموبىل قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Autodata شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 8-ئايلىق ئامېرىكا بازىرى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسىنىڭ سېتىلىش رەت-تەرتىپىنى رەتلەپ چىققان، گەرچە لېكساسنىڭ ئالدىنقى ئايدا پىكاپنىڭ سېتىلىشى مىقدارى چۈشۈپ كېتىش زەربىسىدە سېتىلىش مىقدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يەنىلا چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان. ئىككىنچى قاتاردىكى ماركىلار ئىچىدە ۋولۋونىڭ ئېشىش يۈزلىنىشى ئەڭ يۇقۇرى بولغان.
2016-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىنقى ئون كۈچلۈككە كىرگىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: لېكساس، بېنىز، بۇمېر (BMW)، ئاۋدى، كادىلاك، Acura، ئىنفىنىتى، لىنكولىن، ۋولۋو، لەندروۋېر. بۇ 2015-يىلى 8-ئايدىكى رەت-تەرتىپ بىلەن بىردەك بولغان، شۇنداق بولسىمۇ بۇ يىللىق 7-ئايدىكى رەت-تەرتىپكە سېلىشتۇرغاندا بېنىز بىلەن لېكساسنىڭ ئورنى ئالماشتى.كېيىنكىسى ئامېرىكا ھەشەمەتلىك ماركىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، چېمپىيونلۇقتىن ئورۇن ئالدى.
بىرىنچى قاتاردىكى ھەشەمەتلىك ماركىلارنىڭ ئىچىدە، لېكساس بىلەن بۇمېرنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارىدا بىردەك تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7.6 ۋە %8.0. بۇنىڭ ئىچىدە لېكساسنىڭ قارمىقىدىكى تۆت خىل SUVنىڭ ئالدىنقى ئايدىكى سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ 18 مىڭ تۆت دانىگە يەتكەن، پىكاپنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا كەسكىن تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ %23.9كە چۈشۈپ، 12 مىڭ 934 دانىگە بېرىپ قالغان. بۇ SUV ئېلىپ كەلگەن ئېشىشقا زەربە بولغان. بۇمېر ماركىسىدا رىقابەت كۈچىگە ئىگە SUV بولمىغاچقا، سېتىلىشى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ كەتكەن.
ئامېرىكا بازىرى ھەشەمەتلىك ماركىنىڭ بىرىنچى قاتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاۋدى ئېشىش يۈزلىنىشىنى ساقلىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.5 ئېشىپ 19 مىڭ 264 كە يەتكەن.
پۈتۈنلەي يېڭى بولغان XC90نىڭ تۈرتكىسىدە، ۋولۋو ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكىدا سېتىلىشى %30.9 ئۆرلەپ، ئامېرىكا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ماركىغا ئايلانغان.

TOP10 رەت-تەرتىپى

تۆۋەندىكىسى 2016-يىلى 8-ئايلىق ئامېرىكا بازىرىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى رەت-تەرتىپى. 


بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: لېكساس

2016-يىلى 8-ئايدا، لېكساس ماركىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 30 مىڭ 938 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 33 مىڭ 487 دانىغا سېلىشتۇرغاندا %7.6 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 210 مىڭ 392 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 8-ئايدا 222 مىڭ 151 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %5.3 تۆۋەنلىگەن.


ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: مېرسېدېس بېنىز

2016-يىلى 8-ئايدا، بېنىز ماركىسى ئامېرىكىدا 28 مىڭ 404 دانە سېتىلغان،ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 28 مىڭ 373 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %0.1 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 219 مىڭ 704 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدە 220 مىڭ 866 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %0.5 تۆۋەنلىگەن.


ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: BMW

2016-يىلى 8-ئايدا BMWنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 25 مىڭ 531 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 27 مىڭ 755 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %8.0 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 204 مىڭ 744 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 223 مىڭ 348 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %8.3 تۆۋەنلىگەن.


تۆتىنجى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ئاۋدى

2016-يىلى 8-ئايدا، ئاۋدىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 19 مىڭ 264 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 18 مىڭ 794 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %2.5 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 134 مىڭ 562 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 130 مىڭ 63 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %3.5 ئاشقان.


بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: كادىلاك

2016-يىلى 8-ئايدا، كادىلاكنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 16 مىڭ 346 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 15 مىڭ 738 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %3.9 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 103 مىڭ 918 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدە 110 مىڭ 791 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %6.2 تۆۋەنلىگەن.


ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: Acura

2016-يىلى 8-ئايدا، Acuraنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 14 مىڭ 246 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 15 مىڭ 313 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %7.0 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 106 مىڭ 914 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 117 مىڭ 315 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %8.9 تۆۋەنلىگەن.


يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ئىنفىنىتى

2016-يىلى 8-ئايدا، ئىنفىنىتنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 10 مىڭ 439 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 10 مىڭ 635 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %8.1 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 85 مىڭ 362 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكى بىلەن ئوخشاشلىقنى ساقلىغان.


سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: لىنكولىن

2016-يىلى 8-ئايدا، لىنكولىننىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 9243 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 8636 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %7.0 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 71 مىڭ 638 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 65 مىڭ 284 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %9.7 ئاشقان.


توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: ۋولۋو

2016-يىلى 8-ئايدا، ۋولۋونىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 7682 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 5869 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %30.9 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 52 مىڭ 892 دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 40 مىڭ 854 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %29.5 ئاشقان.
ئونىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى: لەندروۋېر

2016-يىلى 8-ئايدا لەندروۋېرنىڭ ئامې رىكىدىكى سېتىلىش مىقدارى 6.31 دانە، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكى 5225 دانىگە سېلىشتۇرغاندا %15.4 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا ئامېرىكىدا جەمئىي 48 مىڭ 754دانە سېتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 42 مىڭ 548 دانە سېتىلغان، بۇ يىل %14.6 ئاشقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号