باش بەت

راخمان سايكىن

1229يوللانما
7مەستانە

ئاۋسترالىيەدىكى تارىخىي ئالتۇن كان مەنزىرە نۇقتىسىغا ساياھەت

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-09-17 18:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: سىز بەلكىم ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدىكى ئالتۇن كانى توغرۇلۇق ئاڭلاپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ناۋادا پۇرسەت بولۇپ سىز بۇ يەرگە كېلىپ قالسىڭىز، خۇددى 150 يىل بۇرۇنقى ۋېكتورىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىقىنى كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىسىز.

ئالتۇن كان رايونى ئاۋسترالىيەنىڭ ئاساسلىق ئالتۇن چايقاش رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە نۇرغۇن تارىخى ئۇزۇن شەھەر ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى بار. مېلبۇرن شەھىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان بۇ ئالتۇن كان رايونىدا ئازادە كوچىلار، ئۆزگىچە قۇرۇلۇشلار، چىرايلىق گۈللۈكلەر، ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى سەنئەت سارايلىرى، دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ھەر خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ۋە دۇنيا دەرىجىلىك مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

150 يىل بۇرۇن ۋېكتورىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رايونلاردا ئالتۇن چايقاش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن. باللارات (Ballarat) شەھىرى ۋە بېندىگو (Bendigo) شەھىرىنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا ئەينى دەۋردىن قالغان نۇرغۇن تارىخى ئاممىۋى ئىمارەت ۋە چوڭ مېھمانخانىلار، نۇرغۇن تارىخقا شاھىت بولغان چىرايلىق گۈللۈك، دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە غايەت زور كان مەيدانلىرى بار. Maldon، Castlemaine ۋە Stawell قاتارلىق كىچىك بازارلاردا، ئەينى ۋاقىتتىكى كان ئىشچىلىرى ئولتۇرغان ئۆيلەر ھېلىھەم بار.

سوۋېرېىگن تېغى (Sovereign Hill) بۇ رايوندىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسى. سىز بۇ يەردىن ئەينى دەۋردىكى ئالتۇن قېزىش قىزغىنلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايسىز. ئېۇرېكا (Eureka Centre) مەركىزى ۋە مەركىزى دېبوراخ ئالتۇن كانى (Central Deborah Gold Mine) سىزگە 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە، مۇشۇ جايدا يۈز بەرگەن تارىخى ۋەقەلەرنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.

ئالتۇن كان رايونىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىز شۇ جايدىكى قەھۋەخانا ياكى ئاشخانىدا ئارام ئالسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىز بۇ يەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىيمىلىق تاۋا نېنىنى تېتىپ باقالايسىز. بۇ يەردە نۇرغۇن بولكىخانىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تىلىدا قالغۇدەك قىيمىلىق تاۋا نېنى دۇكىنى بار. بۇ يەردىكى ئاشخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تاماقلارنى ئېتىدۇ. شۇ جايدا يەنە ھاراق، زەيتۇن، ئالما قاتارلىق قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانىدىن بىۋاسىتە كەلتۈرۈلگەن مەززىلىك يېمەكلىكلەردىن ھۇزۇرلىنالايسىز.

بۇ يەردە يەنە كۆپ خىل ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز ئۇزۇن تارىخقا ئىگە گۈللۈكنى كۆرمەكچى بولسىڭىز باللارات سەنئەت مۇزېيى (Ballarat Fine Art Gallery)  ياكى بېندىگو شەھىرىدىكى سەنئەت مۇزېيى (Bendigo Art Gallery) قاتارلىقلارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ئىككى گۈزەل سەنئەت سارىيى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ ياخشى رايون خاراكتېرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى.

سىز يەنە كوچىلاردا ئەينى دەۋردىكى ساقچىلارغا ئوخشاش ياسىنىۋالغان ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ قويغان ئويۇنلىرىنى كۆرەلەيسىز.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号