باش بەت

جاھانكەزدى

10281يوللانما
22مەستانە

ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراشلار

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-19 13:31 0 ئىنكاس چۈشتى

بىرىنچى خىل قاراش: ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىلنىڭ خوتىنى P خوتتىن D خوتقا يۆتكىگەندە، ئارقىغا يېنىش خوتى (R) دىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ئىنكاس زەربىسىگە ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلنى قوزغاتقاندا ئاۋۋال توك مەنبەسىنى ئېچىپ، ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرماي تۇرۇپ، ئالدى بىلەن N خوتقا سېلىپ ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن D خوتقا سېلىش كېرەك. 

توغرىسى: ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ خوتىنى P خوتتىن D خوتقا يۆتكىگەندە R خوتتىن ئۆتىدۇ، بۇ ھەقىقەت. بىراق، نورمال سۈرئەت بىلەن P خوتتىن D خوتقا يۆتكىگەندە سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ R خوت سەۋەبىدىن ئىنكاس زەربىسىگە ئۇچرايدۇ دېيىشنىڭ ھېچقانداق نەزەرىيە ئاساسى يوق. زاۋۇت تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە: سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ خوت ئورنى ھەقىقىي ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن «توختاش ۋاقتى»غا ئېھتىياجلىق بولۇپ، تېز سۈرئەتتە خوت يۆتكىگەندە ئىجرا بولمايدۇ. شۇڭا، P خوتتا ئوت ئالدۇرۇپ ئاندىن D خوتقا سېلىپ قوزغاتسىلا بولىدۇ. 

ئىككىنچى خىل قاراش: قىزىل چىراغدا توختىغاندا D خوتتا تورمۇز دەسسەپ تۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ كۈچەش ھالىتىدە تۇرۇپ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى زەخىملەندۈرىدۇ. 

توغرىسى: 30 سېكۇنتتىن ئۇزاق توختىغاندا ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل N خوتقا سېلىپ قول تورمۇزنى تارتىش بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت D خوتتا تورمۇز دەسسەپ تۇرغاندا ھەقىقەتەن پۇتنى چارچىتىدۇ. بىراق، D خوتتا تورمۇز دەسسەپ تۇرغاندا سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى زەخىملەندۈرىدۇ دېگەن كۆز قاراشنىڭ ئاساسى يوق.  

بىز بۇ مەسىلىنى سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ قۇرۇلمىسىدىن كۆرۈپ باقايلى: 

سۇيۇقلۇق كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان مومېنت ئۆزگەرتكۈچ (Fluid Torque Converter) ئادەتتە پومپا چاقى (泵轮)، تۇربىنا (涡轮)، يېتەكچى چاق (导轮)تىن تەركىب تاپقان سۇيۇقلۇق كۈچى زاپچىسى بولۇپ، ماتور ۋە سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ئارىلىقىغا ئورنىتىلىپ، گىدراۋلىك ماي (液压油)نى خىزمەت ۋاسىتىسى قىلىپ، ئايلىنىش مومېنتى، مومېنت ئۆزگىرىشى يەتكۈزۈش، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ۋە ئۇلاش رولىنى ئوينايدۇ. 

سۇيۇقلۇق كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان مومېنت ئۆزگەرتكۈچ قول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ مۇفتىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن بولۇپ، پومپا چاقى ۋە تۇربىنا ئارىسىدىكى گىدراۋلىك ماي تولغىنىش مومېنتى يەتكۈزىدۇ ھەمدە سوقۇلۇشنى ئاجىزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، يەنى سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ بىلەن ماتور ئارىسىدىكى ئۇلىنىش قاتتىق بولماستىن، ئەكسىچە ماي سۇيۇقلۇقى سوقۇلۇشنى ئاجىزلىتىپ، D خوتتا تۇرۇپ تورمۇز دەسسىگەندە، ماتور بىلەن ئۇلانغان پومپا چاقى ئايلىنىۋېرىدۇ، بىراق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ بىلەن ئۇلانغان تۇربىنا ئايلىنىشتىن توختايدۇ. بۇ چاغدا تولغىنىش مومېنتى يەتكۈزۈلمەيدۇ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈلمەي، ئىچكى ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ، ماي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئۆزگىرىدۇ. بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇ يەردە قاتتىق ئۇلىنىش بولمىغاچقا سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچتە ئۇپراش بولمايدۇ. 

بۇ يەردە پەيدا بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە كەلسەك، ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىدىكى ئىسسىقلىق تارقىتىش سىستېمىسى بۇ مەسىلىنى ئاللىقاچان ئويلاشقان بولۇپ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتكەندە ھاسىل بولىدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، D خوتتا تۇرۇپ تورمۇز دەسسىگەندە ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق. 

يىغىپ ئېيتقاندا، قىزىل چىراغدا D خوتتا تورمۇز دەسسەپ تۇرغاندا ماتور ۋە سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى ئۇپراتمايدۇ. ئۇنداقتا ماي سەرپىياتى يۇقىرى بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل توختىغان ھالەتتە N خوتتا ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى D خوتقا قارىغاندا ئازراق يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئەگەر قىزىل چىراغدا پەقەت بىر نەچچە سېكۇنت توختاشقا توغرا كەلسە D خوتتا تورمۇز دەسسەپ تۇرغاندا ماي سەرپىياتى بەك يۇقىرى بولمايدۇ. 

ئۈچىنچى خىل خاتا قاراش: ئاپتوموبىل توختاتقاندا ئالدى بىلەن P خوتقا سېلىپ، قول تورمۇزنى تارتقاندىن كېيىن ئاندىن پۇت تورمۇزنى قويۇپ بېرىش

توغرىسى: ئاپتوموبىلنى توختاتقاندا، ئالدى بىلەن P خوتقا سېلىپ ئاندىن پۇت تورمۇزنى قويۇپ بېرىش، بۇنىڭدا ئاڭلىماققا ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە، قول تورمۇزنى تارتقان تەقدىردىمۇ، پۇت تورمۇزنى قويۇپ بەرگەندە، ئاپتوموبىل يەنىلا يېنىك دەرىجىدە سىلجىيدۇ. P خوتقا سالغاندىن كېيىن، سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچتە قىسقۇچقا ئوخشاش نەرسە سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى قۇلۇپلايدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىلدا سىلجىش كۆرۈلسە سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنى زەخىملەندۈرىدۇ. 

شۇڭا، توغرا بولغان ئاپتوموبىل توختىتىش تەرتىپى مۇنداق: تورمۇز دەسسەپ تۇرۇش-N خوتقا سېلىش-قول تورمۇزنى تارتىش-پۇت تورمۇزنى قويۇپ بېرىش-P خوتقا سېلىش-ئوتنى ئۆچۈرۈش


ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ھەيدەش توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى فىلىم پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تەمىنلەندى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号