باش بەت

نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن

1921يوللانما
38مەستانە

«يىپەك يولى يۇلتۇزى لوڭقىسى» U12 پۇتبول مۇسابىقىسى قىزغىن ئۆتكۈزۈلمەكتە

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-20 17:23 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇرمۇھەممەد پىدا يازمىسى:

پۇتبولغا ھېرىسمەن ساۋاقداشلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پۇتبول تېخنىكىسىدا ئالغا ئىلگىرىلەشنى شۇنداقلا ئىتتىپاقلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە، مەكتەپ پۇتبولى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى يارىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يىپەك يولى يۇلتۇزى لوڭقىسى 12 ياشلىقلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 2016- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرى 73- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.

مەزكۇر مۇسابىقىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ يىپەك يولى يۇلتۇزى تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 73- ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆتكۈزۈشتە ھەمكارلاشقان بولۇپ، مۇسابىقىگە ئۈرۈمچى، قۇمۇل، يەكەن قاتارلىق جايلاردىن تاللانغان مۇنەۋۋەر كوماندىلاردىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 73- ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ، قۇمۇل كوماندىسى، يەكەن ياسىن دورىگەرلىكى پۇتبول كوماندىسى قاتارلىق تۆت كوماندا قاتناشتى.

مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار مەزكۇر مۇسابىقىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ كەلگۈسىدە يىپەك يولى يۇلتۇزى لوڭقىسىنى شىنجاڭدىكى داڭلىق مۇسابىقە تۈرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号