باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

قىزنىڭ چېچىنى بوغۇپ قويغان دادىغا ئېيتقانلىرى تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-25 13:04 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورىنىڭ 25- سېنتەبردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 22-سېنتەبردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى دېررىك كۇلپېپېر ئىسىملىك بىر دادا ئۆزىنىڭ قىزى لىندانىڭ چېچىنى بوغقان ۋېدىيوسىنى تورغا چىقارغان، قىزنىڭ دېررىكنى رىغبەتلەندۈرۈپ ئېيتقان گەپلىرى تورداشلارنى بەك تەسىرلەندۈرگەن.

تېكساس ئىشتاتىدا تۇرىدىغان دېررىك بىلەن خوتۇنىنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندىكى ۋەزىپىسى ئۈچ ياشلىق قىزى لىنداغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ چېچىنى بوغۇش. دېررىك يەنە ئۆزى بىلەن قىزىنىڭ چاچ بوغقاندىكى ئەھۋالىنى سىنغا ئېلىپ تورغا چىقارغان.

دېررىك گەرچە بىر ساتىراچ بولسىمۇ لېكىن ئۇ قىزىنىڭ چېچىنى ياساشنى ناھايىتى تەس ئىشتەك ھېس قىلغان. كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى، لىندا ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن ھەم ئۇنىڭ ھۈنىرىنى توختىماي ماختىغان. ۋېدىيودا لىندا يەنە دېررىكقا چاچ بوغۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى ئۆگىتىپ، ھەر بىر باسقۇچ تۈگىگەندە «ياخشى قىلدىڭىز» دېگەن. ئاخىرىدا چاچنى بوغۇپ بولغاندا لىندا يەنە دادىسىغا كۈلۈمسىرەپ رازىمەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دېررىك لىندانىڭ ئاپىسىنىمۇ مۇشۇنداق ماختايدىغانلىقىنى، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئادەتتە مۇشۇنداق ئۆز-ئارا مەدەت بېرىپ، ئۆز-ئارا يار-يۆلەكتە بولغاچقا ئۆيىنىڭ مەڭگۈ مېھىر-مۇھەببەتكە تولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق مېھىرلىك قىز ۋە مېھىرلىك ئائىلە نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号