باش بەت

ئۇيغۇر

479يوللانما
6مەستانە

تۆت مىليون فوندستېرلىڭلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىل ئەترىتى لوندوننى كېسىپ ئۆتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-25 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا «ئۇچقۇر يىگىت» دەپ ناملانغان دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى كۇلۇبى تەخمىنەن 15 دانە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلنى دەيدەپ، لوندون شەھىرىنىڭ پىككادىللى كوچىسىنى كېسىپ ئۆتكەن، ئومۇمىي باھاسى تۆت مىليون فوندستېرلىڭغا (تەخمىنەن 34 مىليون 600 مىڭ يۈەن) يېتىدىكەن. فاراراى، لەمبورگىنى، بېنتلىي ۋە بېنىز قاتارلىق ماركىلىق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار، يولدا كېتىۋاتقان ئاممىنى جەلىپ قىلىپ رەسىمگە تارتتى، بۇ «ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل يىغىلىشى» لوندون شەھەر مەركىزىنىڭ قاتنىشىنى بىر مەھەل پالەچ قىلىپ قويدى، قاتناش ساقچىلىرى ئامال يوق كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇردى.

«ئۇچقۇر يىگىت» ئاپتوموبىل ئەترىتى ئەسلىي پىلاندا، لوندون شەھەر مەركىزىنى بىر قېتىم چۆرگىلەشنى پىلانلىغانىدى. بىراق بۇ ئاپتوموبىللار زىيادە داغدۇغا پەيدا قىلغانلىقتىن، نۇرغۇن ئامما ئورىۋېلىپ رەسىمگە تارتتى، ھەتتا ئاپتوموبىل ئالدىدا سۈرەتكە چۈشتى، ئەسلىدە نەچچە ئون مىنۇتلۇق مۇساپە شۇ سەۋەپتىن نەچچە سائەت ئۇزىراپ كەتتى. رەسىمدە بىر يىگىت نىسسان GTR مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىدا ئۆزتارتىم سۈرەتكە چۈشىۋاتىدۇ.

بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تۇنجى نامايەن قىلىپ، قاتناشنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىشى ئەمەس. بىر ھەپتە ئالدىدا، بۇ ئەترەت كادىلىي كوچىسىدىكى «تۇنجى نامايەندە» دە، قاتناشنى تولۇق نەچچە سائەت توختىتىپ قويدى. رەسىمدە زور ساندىكى ئامما يول بويىدا رەسىمگە تارتماقتا.

ئەترەت باشلىقى كاش بۇ يىل 35 ياش، ئۇ ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە بۇ ئاپتوموبىل ئەترىتىدە تىجارەت قىلىدۇ، كاشنىڭ دىيىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە شەھەر مەركىزىدە تۇنجى قېتىم ئۆزىنى كۆرسەتكەندىن بۇيان، ئەنگىلىيەدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارغا قوشۇلۇشنى ئويلاۋېتىپتۇ، ئەمما بۇ ئەترەتنىڭ ئەزا تاللاش ئۆلچىمى ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن. پەقەت ئالىي دەرىجىلىك دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا ئىگە بولغان كىشىلەرلا ئەزا بولالايدىكەن. رەسىمدە، كاش ئىنىسى بىلەن ئايلىنىشتىن ئىلگىرى نىسسان GTR ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىدا رەسىمگە چۈشمەكتە.

رەسىمدە، يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، بىر نەپەر ئايال ئېرىنىڭ رەڭلىك فارارى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

رەسىمدە، ئاپتوموبىل ئىگىسى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ سېرىق رەڭلىك لەمبورگىنى ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىدا رەسىمگە چۈشتى.

ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يول بويىدىكى ئاممىنىڭ ئۆزلىرىنى ئورىۋېلىپ، قاتناشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىدىن ئاغرىندى، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، يول بويىدىكى كىشىلەر بەس-بەستە ئاپتوموبىل بىلەن رەسىمگە چۈشكەچكە، لوندون غەربىي رايونىنىڭ قاتنىشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن. رەسىمدە، بىر دانە رەڭلىك فارارى ھەيدەپ كېلىنگەندە، كىشىلەر رەسىمگە تارتىۋاتىدۇ.

بىر دانە مۇسابىقە ئاپتوموبىل ئىگىسى مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قورشىۋېلىشىدىن بىزمۇ ئامالسىز، ئەسلى بىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا بۇ قېتىملىق ئايلىنىشنى تاماملىيالايتتۇق، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنى بۇزۇپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ، ئاپتوموبىلىنى توختىتىپ ئۇلارنىڭ قانغۇچە رەسىمگە تارتىۋېلىشىنى ساقلىدۇق.

بۇ قېتىملىق يىغىلىش قاتناش ساقچىلىرىنى ھېرىپ ھالىدىن كەتكۈزىۋەتتى، رەسىمدە، بىر نەپەر قاتناش ساقچىسى يولدىكى كىشىلەرنى يول بويىغا قايتىشىغا، ئاۋۋال ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتىۋېلىشىغا يول قويىشىنى نەسىھەت قىلىۋاتىدۇ.

گەرچە كىشىلەرنىڭ كۆزى ئېچىلىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ كۆز-كۆز قىلىشىدىن بىزار بولغان. كاش بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ: مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بىزنىڭ جاپالىق خىزمىتىمىزنىڭ مەھسۇلى، مەن ھەپتىدە ئۇدا ئالتە كۈن ئىشلەيمەن، بۇ پەقەت ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتىكى كۆڭۈل ئېچىشىمىز. كاش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەترەتتىكى ھەربىر ئەزانىڭ ئىزچىل قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى تەكىتلىگەن. رەسىمدە كىشىلەر يانفونىنى ۋە كامېراسىنى ئېلىپ، ئاپتوموبىللارنى رەسىمگە تارتتى.

ئەترەتنىڭ نامى توغرىسىدا، كاش چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۇچقۇر يىگىت بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتۇق، ھازىر يىگىت بولدۇق، بىز مۇشۇنداق كىچىك ۋاقتىمىزدا ئارزۇ قىلغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن ناھايىتى خۇشال.

بىر ئاپتوموبىل ئىگىسى مۇنداق دېدى: بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، لوندون شەھەر كوچىلىرىدا سەيلى قىلغان ھېسسىياتتىن ئىنتايىن ھوزۇر ئالدۇق. بۇ يەردە نۇرغۇن مېھمانلار بار، بىز بۇ خىل قانۇنلۇق ۋە بىخەتەر ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئاپتوموبىلىنى نامايەن قىلىشنى ياقتۇرىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号