باش بەت

RuHsar

636يوللانما
0مەستانە

چېڭ لۇڭنىڭ ئىككى فىلىمىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-09-27 12:17 0 ئىنكاس چۈشتى

يەرشارى يېڭى يىلىنى چېڭ لۇڭ ئىگلىدى. بۈگۈن چېڭ لۇڭ باش رول ئالغان «گۇمپا يوگا» بىلەن «تۆمۈر يولدىكى ئۇچقۇر يولۋاس» ناملىق ئىككى كومېدىيەلىك فىلىمى ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. «تۆمۈر يولدىكى ئۇچقۇر يولۋاس» 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، «گۇمپا يوگا» فىلىمى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى قويۇلىدۇ. باشتىن-ئاخىرى كۈلكىلىك مەزمۇنلار كۆرۈرمەنلەرگە يېڭى يىلدىن تارتىپ تاكى باھار بايرىمىغىچە ھەمراھ بولغۇسى. بۇ ئىككى فىلىمنىڭ بىرسىدە ئىرادە تەسۋىرلەنسە يەنە بىرىدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش تەسۋىرلىنىدۇ. 

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، چېڭ لۇڭ ئوسكار ئۆمۈرلۈك غەلبە مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى جۇڭگولۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تورداشلارنىڭ غۇلغۇسىنى قوزغىغان، شۇنداقلا چېڭ لۇڭنىڭ 40 يىللىق كىنو ئىشلەش ھاياتىدا، يۈزدىن ئارتۇق كىنوغا قاتنىشىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە خوشاللىق ئېلىپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدار بولغان. 

ئىگلىنىشىچە، بۇ ئىككى فىلىمگە دېڭ چېڭ بىلەن تاڭ جىلى رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ھەمكارلاشقان ئالتۇن ھەمراھلاردىن ئىكەن، «تۆمۈر يولدىكى ئۇچقۇر يولۋاس» ناملىق فىلىمدە چېڭ لۇڭ ۋاڭ كەي، ۋاڭ دالۇ قاتارلىق ئارتىسلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان بولۇپ، «گۇمپا يوگا» فىلىمىدە بولسا لى جىتىڭ، جاڭ يىشىڭ قاتارلىق ئارتىسلار بىلەن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بايلىق ئىزدەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号