باش بەت

ئادىلجان

5986يوللانما
34مەستانە

ماشىنا ئەينىكىنىڭ چىقىرىش-چۈشۈرۈش ئىقتىدارى بۇزۇلۇپ قالسا مۇنداق ئوڭشاڭ

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-03 19:33 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇرغۇن كىشىلەر ماشىنىنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندە، ماشىنا دېرىزىسىنىڭ ئەينەكنى چىقىرىش-چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدىغانلىقىنى ھەتتا ئىشلىمەيدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇخىل ئەھۋال ماشىنا ئەينىكىنىڭ كاۋچۇكى كونىراش، چاڭ-توزان كىرىۋېلىش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ، ئۇنداقتا بۇ خىل كاشىلىنى قانداق ئوڭشاش كېرەك؟ تۆۋەندە بۇنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز. 


بىرىنچى، ئەينەكنى چىقىرىش-چۈشۈرۈش ئوقۇرىنى تازىلاش

1. قورال-ئەسۋاب: بىر تال چوكا، بىر تال كىچىك لۆڭگە، بىر داس سۇ، لۆڭگىنى ھۆل قىلغاندىن كېيىن، چوكىنىڭ بىر بېشىغا ئوراپ تازىلاش قورالى ياسايمىز. 

2. تازىلاش ئۇسۇلى: ئوقۇرنىڭ كەڭلىكىگە ئاساسەن لۆڭگىنىڭ قېلىنلىقىنى تەڭشەيمىز، ئاندىن ئوقۇرنىڭ ئىچىدە ئاستى-ئۈستى ھەرىكەتلەندۈرسەك، لۆڭگە ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تازىلاپ چىقىرىدۇ. تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئەينەك ئوقۇرىنىڭ ئىچىگە ئازراق موم سۈرۈپ قويساقلا بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇلدا كۆپ قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئەينەكنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ماتور ياكى قۇرۇلما كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرمۇ بار، بۇ خىل ماشىلىلارنى كەسپىي رېمونتچىغا كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. 


2. ماشىنا ئەينىكىنى چۈشۈرۈش-چىقىرىش ئىقتىدارى ئىشلىمەسلىك

ئادەتتە ئاكۇمۇلياتوردا توك قالمىغان ياكى باشقا ئەھۋالدا توك ئۈزۈلگەن ۋەياكى سىم ئۈزۈلۈپ كەتكەن شۇنداقلا ماتورنى قوزغىتىدىغان توك يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋاللاردا ماشىنا ئەينىكىنى چىقىرىش-چۈشۈرۈش ئىقتىدارى ئىشلىمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماشىنىڭ ھەربىر  ئەينىكىنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇش لازىم. قانداق قايتۇرۇلىدۇ؟ ئالدى بىلەن، ئوت ئالدۇرۇش ۋىكلىيۇچاتىلىنى ئاچىمىز، ئاندىن ئەينەكنى چىقىرىش كۇنۇبكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئەينەكنى تورۇسقا تاقاشقىچە چىقىرىپ ئۈچ سېكونتتىن ئارتۇق بېسىپ تۇرىمىز، ئاندىن ئەينەكنى چۈشۈرۈش كۇنۇبكىسىنى ئەينەك ئاستى قىسمىغا تولۇق چۈشكىچە بېسىپ تۇرۇپ، چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۈچ سېكونتتىن ئارتۇق بېسىپ تۇرىمىز، ئاخىرىدا يەنە ئۈستىگە چىقىرىش كۇنۇبكىسىنى ئەينەك تولۇق چىقىپ بولغانغا قەدەر بېسىپ، ئاندىن يەنە ئۈچ سېكونتتىن ئارتۇق بېسىپ تۇرىمىز، بۇنىڭ بىلەن زاۋۇت ھالىتىگە قايتىپ ماشىنا دېرىزىسىنىڭ بارلىق ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号