باش بەت

kelly

1509يوللانما
68مەستانە

تايلاند كىنو چولپىنىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-03 23:48 0 ئىنكاس چۈشتى

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، تايلاند راتچابۇرىدىكى بىر زاۋۇتقا ئوت كەتكەن، زاۋۇتتا ئاسان كۆيىدىغان ماللار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى، ئوت ناھايىتى تېز ۋاقىت ئېچىدە كەڭ دائىرىگە يامراپ كەتكەن، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئىككى سائەت تىركىشىپ ئاندىن ئوتنى ئۆچۈرگەن. بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە ئىككى ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، زاۋۇت باشلىقىنىڭ دىيىشىچە، بۇ قازا قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ئىنىسى ۋە ئىنىسنىڭ ئايالى، يەنى تايلاند كىنو ئارتىسى Tinaنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېشى 65.66 بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن قاتتىق ئازابلانغان Tina فىيسبۇك بېتىدە سۆز يېزىپ:«سىلەر مېنىڭ قەلبىدە، مەن سىلەرنى مەڭگۈ سۆيىمەن» دېگەن. تايلاند تاماشا سەھنىسىدىكى باشقا چولپانلارمۇ بەس-بەستە توردا كەسپىدىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا مەدەت تىلىگەن.

تايلاندنىڭ ئايال  كىنو چولپىنى لى تىنا بۇ يىل 25 ياش، ئوغۇلچە ئوبرازى بىلەن جامائەتكە تونۇلغان. 2010-يىلى داڭ چىقىرىپ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسيادىكى داڭلىق چولپانغا ئايلانغان. 



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号