باش بەت

ئادىلجان

9007يوللانما
129مەستانە

پۇلدارلار نېمە ئۈچۈن نىمكەش ماشىنا سېتىۋالىدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-07 08:00 0 ئىنكاس چۈشتى

دائىم پالانى چولپان چەكلىك نۇسخىدىكى نىمكەش مۇسابىقە ماشىنىسى سېتىۋاپتۇ، پۇكۇنى بايۋەتچە نىمكەش ماشىنا سېتىۋېلىپ سوقۇلۇپ كېتىپ ماشىنىسى كاردىن چىقىپتۇ، دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما ئەتراپىمىزدىكى دوستلىرىمىز نىمكەش ماشىنىدىن قورقۇپ، چوقۇملا يېڭى ماشىنا سېتىۋالىدۇ. ئۇنداقتا بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدا ماشىنا سېتىۋېلىش جەھەتتە نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق  كېلىپ چىقىدۇ؟

1. پۇلدارلار نېمە ئۈچۈن نىمكەش ماشىنا سېتىۋالىدۇ؟

تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرىدىكى ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنى سېتىۋالىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇلدارلار ئىكەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ماشىنا 1-3 يىل ھەيدەلگەندىن كېيىن باھايىتى خېلىلا چۈشىدىكەن، يېڭى ماشىنا سېتىۋالسا كۆپ پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدىكەن. ئۇلار: «ئۇنىڭدىن كۆرە بىر ياكى بىرقانچە نىمكەش ماشىنا سېتىۋالغان تۈزۈك، ئىشقىلىپ ھېچكىم بىلەلمەيدۇ، ھەركۈنى ئوخشىمىغان ماشىنىلارنى ھەيدەپ سىرتقا چىقسا يۈز-ئابرويى ئاشىدۇ» دەپ قارايدىكەن. 

ئۇنىڭدىن باشقا، پۇلدارلار ماشىنا خورايدىغان بۇيۇم، قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن دائىم ماشىنا ئالماشتۇرىدۇ. نىمكەش ماشىنا سېتىۋالغاندا خېلى كۆپ پۇلنى تېجەپ، بۇ پۇللارنى مەبلەغ سېلىش ياكى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە ئىشلىتەلەيدۇ. يېڭى ماشىنىغا كۆپ پۇل خەجلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، بولۇپمۇ پۇلدار بايۋەتچىلەر ماشىنىنى كۆپرەك مۇسابىقىلىشىشكە ئىشلەتكەچكە، نىمكەش ماشىنا سېتىۋالسا سوقۇلۇپ كەتسىمۇ ئىچى ئېچىشمايدۇ. 

2. نامراتلار نېمە ئۈچۈن يېڭى ماشىنا سېتىۋالىدۇ؟

ماشىنىغا بەكلا ئېھتىياجلىق نامراتلار ئادەتتە نىمكەش ماشىنىنى تاللىمايدۇ، كۆپ قىسىم نامراتلار يېڭى ماشىنا سېتىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ماشىنا سېتىۋېلىش ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىش دەپ قارايدۇ، ئەگەر نىمكەش ماشىنا سېتىۋالسا، يۈزى چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلغاندىن سىرت، باشقىلار ھەيدەپ قويغان ماشىنىنى ھەيدىسە كۆڭلى بىرقىسما بولۇپ قالىدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا، نامراتلار: «نىمكەش ماشىنا مەسىلەر بار، كاشىلا بار ماشىنا، ئەگەر بىر ئوبدان بولسا نېمىشقا سېتىۋېتىدۇ؟» دەپ ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىمكەش ماشىنا سېتىۋالسا ماشىنىدا بۇرۇن ۋەقە كۆرۈلگەن ياكى كۆرۈلمىگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئومۇمەن ياخشى بولمىغان تەرەپلەرنى كۆپ ئويلايدۇ. شۇڭا، يەنىلا يېڭى ماشىنا ئىشەنچىلىك دەپ قارايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号