باش بەت

ئەلى

1933يوللانما
1مەستانە

قارا بوران Matthew ھايتىدا 264 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-07 11:57 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 6-ئۆكتەبىر خەۋىرى, نۇر تورى تەرجىمىسى.
ھايتى خەلق ئىشلىرى  ئورگىنىنىڭ 6-ئۆكتەبىر دېيىشىچە، Matthew ناملىق قاتتىق قارا بوران 4-ئۆكتەبىر ۋە 5-ئۆكتەبىر ھايتىنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي شىمال تەرىپىدە ئاز دېگەندىمۇ 264 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، 1 مىليون 500 مىڭ ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ھايتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى فىرانسۋا جوزىفنىڭ شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا دېيىشىچە، تولۇق بولمىغان سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا قار بوران Matthew ئاز دېگەندىمۇ 20 مىڭ ئاھالىنىڭ ئۆيىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. بەزى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ئالاقە ئۈزۈلۈپ، كەلكۈن يامراپ كەتكەچكە، ئاپەت ئەھۋالىنى باھالاش مۇمكىن بولمىغان، ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە مال مۈلۈكلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى يەنىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ھايتىدىكى مەسئۇلى 6-ئۆكتەبىر مۇنداق دېگەن: ھايتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر، ھايتىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئارىسىدا 350 مىڭدىن ئارتۇقى جىددىي ياردەمگە موھتاج.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاپەت ئەھۋالىنى باھالاش ئەترىتى شۇ كۈنى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا بېرىپ، قايتا باھالاش قىلغان ھەمدە ھايتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ھەرىكەت مەركىزى قۇرۇپ، بىر تۇتاش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقچى بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号