باش بەت

ئىدىقۇت887

6839يوللانما
11مەستانە

NASA كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزى قارا قۇيۇن Matthewدىن ئامان قالدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-08 21:38 0 ئىنكاس چۈشتى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى NASAنىڭ فىلورىدا شىتاتىدىكى كېننىدى ئالەم قاتنىىشى مەركىزى قارىغاندا قارا قۇيۇننىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قالغاندەك قىلاتتى. ئىلگىرى ئاشكارىلانغان كومپىيۇتېر مودېلى پەرىزىدە Matthew ناملىق قارا قويۇننىڭ كېننىدى ئالەم قاتناش مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغانىدى. ھازىر پەرەزنىڭ دەل ئەكسىچە Matthew ناملىق قارا قويۇن كېننىدى ئالەم قاتناش مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 26 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان كاناۋېرال (Canaveral) قولتۇقىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ قېتىملىق قارا قويۇندا، ئاز ساندىكى رايونلاردا توك توختىغاندىن باشقا زور ۋەقە ۋە باشقا تالاپەت كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر كېننىدى ئالەم قاتنىىشى مەركىزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق دوكلات تاپشۇرۇۋېلىنمىغان.



بۇ قېتىم قۇرۇقلۇققا چىققان Matthew ناملىق قارا قۇيۇننىڭ تەسىرىدە، ئەڭ ناچار مۇھىتتا كاناۋېرال قولتۇقىدىكى قارا قۇيۇننىڭ ئۇدا سائەتلىك سۈرئىتى 90 ئىنگلىز مىلىغا يەتكەن بولۇپ، بەزى چاغلاردا بوراننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 170 ئىنگلىز مىلىغا يەتكەن. كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىكى ئىمارەتلەر بۇ بوران سۈرئىتىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى ئالەم قاتنىشى ئايروپىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋېرتىكال باش قۇرۇلما بىناسى شۇنداقلا نۇرغۇن راكېتا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىنىڭ ھەممىسى سائەتلىك سۈرئىتى 125 ئىنگلىز مىلىغا يېتىدىغان بورانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. 1992-يىلىدىكى ئاندىرى قارا قۇيۇنىدىن كېيىن سېلىنغان بارلىق ئىمارەتلەر ۋە راكېتا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىنىڭ ھەممىسى سائەتلىك سۈرئىتى 130 ئىنگلىز مىلىدىن 135 ئىنگلىز مىلىغىچە بولغان كۈچلۈك بورانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن.



لېكىن ھازىرچە كاناۋېرال قولتۇقىدىكى 40-نومۇرلۇق راكېتا قويۇپ بېرىش سۇپىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، بۇ راكېتا قويۇپ بېرىش سۇپىسى ئىلگىرى SpaceX شىركىتىنىڭ «بۈركۈت 9-نومۇر»لۇق راكېتاسى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىلىشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقاندا پارتلاش يۈز بېرىپ زىيانغا ئۇچرىغانىدى.


قارا قۇيۇندىن كېيىنكى ئاپەت ئەھۋالىغا نەزەر



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号