باش بەت

گۈلنۇر

78يوللانما
0مەستانە

سەرخىل مائارىپ ۋە مەكتەپتىن قاچقان بايلار

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-09 12:06 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرىنچى دەرىجىلىك بايلارنىڭ يۇقىرى ئوقۇشتىن قېچىش نىسبىتى ئالىي مائارىپتىن گۇمانلىنىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قېلىش كېرەكمۇ يوق؟

دۇنيادىكى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن بىرىنچى بايلار پەقەتلا باشقا بارلىق كىشىلەردىن پۇللۇق بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار قوبۇل قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ شىركەتنى باشقۇرۇشۇپ بەرگەن دېرىكتور ۋە بوغالتىرلاردىن ئاز.

تەتقىقاتتا ئىپادىلىنىشچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ باي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردە تەخمىنەن تۆتتىن بىر كىشى بايلار قاتارىغا تىزىلىشتىن ئىلگىرى ئالىي ماكتەپ ياكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشتىن قاچقان، بۇ نىسبەت ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان بايلار ئىگىلىگەن نىسبەتتىن يۇقىرى.

بۇ ئوقۇشتىن قاچقان مىلياردېر پەقەتلا مىكروسوفتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس ۋە فېيسبۇكنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى مارك زاكېربېرگ قاتارلىق ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىسىملا ئەمەس، بۇ ھەم زور تۈركۈمدىكى MAB ئوقۇغۇچىسىنىڭ كەلگۈسى بايلار قاتارىغا كىرىشتىكى يول خېتى ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرى سوممىلىق ئوقۇغۇچىلىق قەرزىنى زىممىسىگە ئالماقچى بولغاندا ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

ئەنگلىيەگە جايلاشقان ئېنتىرنېت بازىرى تەكشۈرۈش ئورگىنى Verve Searchنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگۈچى مىليادېرلاردا يېرىمغا يېقىنىنىڭ باكلاۋېرلىق ياكى ئوخشاش دەرىجىدىكى تارىخى بولسىمۇ، ئەمما پەقەت %20 ئادەم ماگسىترلىق ئۇنۋانى ئالالىغان، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالالىغانلىرى پەقەت %5 ئىكەن.

بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بايلىققا ۋارىسلىق قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار 1996-يىلدىن بۇيانقى فوربېسنىڭ ھەر يىللىق 100 قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن بايلار رەت تەرتىپىنى پايدىلىنىش قىلغان ھەمدە ئاشكارا ئۇچۇر يوللىرى ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەربىر ئادەمنىڭ مائارىپ تارىخىنى سېلىشتۇرما قىلغان.

ئوقۇش ھەققىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئەندىشە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالىي مائارىپنىڭ ياش ۋاقتىدا ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولغانلارغا بولغان ئەھمىيىتىدىن گۇمانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

Paypalنىڭ ئورتاق قۇرغۇچىسى، مىلياردېر تەۋەككۈل مەبلىغى سالغۇچىسى پىتېر سىيېل (Peter Thiel) بىر ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ مائارىپىدىن قېچىپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈردى، ئۇلار بالدۇرارق تەۋەككۈل قىلىشىنى قوللىدى. ئۇنىڭ فوندى «دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىدىغان ياشلارنى ئەمەس، بەلكى يېڭى شەئىيلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قىزىقىدىغان ياشلارغا 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى».

دال ستېفېنسون (Dale Stephenson) مەزكۇر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى، 19 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتتىن ئايرىلغان دال ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»گە بىلدۈرۈپ:« ئالىي مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بار. سىزگە كۆرسەتمىنى قانداق ئاڭلاشنى، ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتكە ئەمەل قىلىشنى ھەمدە ئەترەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىتىدۇ. ئەمما ئالىي مەكتەپ بىزنىڭ بىر نەرسە ئۆگىنىدىغان بىردىنبىر شەكىل بولماسلىقى كېرەك» دېدى.

ئەمما، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەئىد ئىنىستىتۇتىدا MBA ۋە EMBA تۈرىنى باشقۇرىدىغان مۇئاۋىن مۇدىر كاسىي خارۋېي (Kathy Harvey)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپ قىسىم ئەھۋالدا ئالىي مەكتەپ مائارىپى باھاسىز گۆھەر ئىكەن.

ئۇ:«بىز دۇنيادىكى بەزى مىلياردېرلارنىڭ ئوقۇشتىن قاچقانلىقىدىن ھەيران قالماسلىقىمىز كېرەك. مارك زاكېربېرگنىڭ ئوقۇشتىن قېچىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ فېيسبۇكنى قۇرۇش ئارزۇسى بار ئىدى. ئەينى چاغدا ئەگەر ئۇ ئارزۇسىنى قوغلاشمىسا ئەخمەقلىق ئىدى» دېدى.

«ئەمما ئۇنداق مۇۋەپپەقىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن ياخشى ھۆكۈم قىلىش كۈچى بولۇشى كېرەك، ئاندىن ئىنتايىن ياخشى ئامىتى بولۇشى كېرەك. كۆپ قىسىم ئادەم يەنىلا ئادەتتىكى مائارىپنىڭ پايدىسىنى كۆرەلەيدۇ، مائارىپ ئۇلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى قۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.»

ئۇ يەنە: «مائارىپ كىشىلەرگە قانداق پۇل تېپىشنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، قانداق قىلىپ تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشنى ئۆگىتىدۇ. ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەپەككۇر قىلغان ۋە ئۆگەنگەن كىشىلەر ھەم ئوخشاش شەكىلدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号