باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ھايتىدىكى قارا بوراندا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 336 گە يەتتى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-09 20:44 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى 9-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى 8-ئۆكتەبىر ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ھايتى خەلق مۇداپىيە ئىدارىسى ئېنىقلىغان قارا بوراندا ئۆلگەن ئادەم سانى 336گە يەتكەنلىكى، ئۇنىڭدىن باشقا 211 ئادەم يارىلىنىپ، 4 ئادەم يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش نازارىتى نۆۋەتتە ئاپەتكە ئۇچراش ئەڭ ئېغىر بولغان قىسمەن رايونلاردا پەقەت تىك ئۇچار ئايروپىلاندىلا قۇتقۇزغىلى بولىدۇ، ئاپەت ئەھۋالىنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆلگەن ئادەم سانى يەنىمۇ كۆپيىشى مۇمكىن، ھايتىدا قارا بوران سەۋەبىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرتىدىن ئايرىلدى، نۆۋەتتە ئۇلار 191 ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دېدى.

يەرلىك تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان كۆرۈنۈشتە ھايتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئېغىر ئاپەت رايونى خارابىگە ئايلانغانلىقى، قارا بوران ئاھالىلەر تۇرغان ئاددىي قاڭالتىر ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەتكەنلىكى، خارابىلىكتە كىرلىك ۋە كىيىملەرنىڭ ئېسىلىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئاھالىلەر بۇرۇن تۇرغان ئۆيلەر ئەمدى قارىساق ئەخلەت مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان، ھەممە يەردە يوپۇرماق ۋە شاخ-شۇمبىلار قاپلىغان، كەلكۈندىن كېيىن كىشىلەر پاتقاق ۋە ئەخلەت ئارىسىدىن شامال ئۇچۇرۇپ كەتمىگەن نەرسىلەرنى ئىزدىگەن، توختام سودا ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرى لەيلەپ قالغان.

ب د ت مەركىزىي جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش فوندى 7-ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ھايتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تېزلىكتە تاقابىل تۇرۇش فوند ياردىمى بەرگەنلىكى ھەم ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىگە 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز مەبلىغى بېرىپ، ھايتىدا ئۈزۈكسىز يامانلىشىۋاتقان خولېرا كېسەللىك ئەھۋالىغا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك قارا بوران Matthew كارىب دېڭىزى رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، كۈچلۈك قارا يامغۇر ھايتى، كۇبا، دومىنكا، باھاما قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىپ كىرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئىچىدە ھايتىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىرلىقى ئېيتىلغان. بۇ 2010-يىلىدىن بۇيان ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەبئىي ئاپەت.

ھايتى دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئىنتايىن نامرات، قارا بوران ئاپىتىگە تەييارلىقى يېتەرسىز، ئۆيلىرىنىڭ سۈپىتى ناچار، نوپۇس زىچلىقى يۇقىرى، مانا بۇلار بۇ قېتىمقى ئۆلۈش ئەھۋالى ئېغىر بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号