باش بەت

parhat123

167يوللانما
0مەستانە

ئىنسانلار تەبىئەت ئالدىدا ھەقىقەتەن بەك ئاجىز

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-10-10 11:45 0 ئىنكاس چۈشتى


يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي قىسىم رايونى قارا بوران «مەسىيۇۋ» نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، يەنە كارىب دېڭىزىدىكى ھايتى، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا كىشىلەر راستتىنلا بەك ئاجىز. تۆۋەندىكى ئوپېراتورنىڭ تارتقان سۈرەتلىرىدىن تەبىئەتنىڭ كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان ۋەيران قىلىش كۈچىنى كۆرۈپ باقايلى.

بۇ يەر ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى فلاگلېر دېڭىزى، بۇ يەر بايىلا تېخى قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، جوزىفېن بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى جىلائىن بودىن تاش-لاتقىلار ئېقىتىپ ئۆتكەن تاشيولنى بويلاپ ماڭماقتا.

ھايتى. بىر قىز ئىشىكىمۇ يوق بىر ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرماقتا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، قارا بوران ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئۈستى ئېچىۋەتكەن، قېلىپ قالغىنى بولسا چېچىلىپ ياتقان ئازراق كىيىم-كېچەك ۋە ئىشكاپ. 

فلاگلېر دېڭىز ساھىلىدىكى ۋەيران بولغان يول، تاشيولدا بىر قىسىم ماشىنىلار قالايمىقان ھالەتتە تۇراتتى.

ھايتىدىكى بىر ئايالنىڭ ئۆيىدە پەقەت بىر ئاددىي ئوچاقلا قېلىپ قالدى، باشقا جايلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى.

ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كوكا بىچ پىرىستانى، 14 ياشلىق Kaleigh Black ۋە 12 ياشلىق Amber Olsen بوران-چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىدىن قاچماقتا.

بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھايتى شەھىرى، بىر پارچە خارابىلىككە ئايلانغان رايون، تۇرمۇش بۇيۇملىرى كوچىلاردا چېچىلىپ ياتاتتى. 

ئىككى ھايتىلىق قىز كەڭرى كوچىدا قول تۇتۇشۇپ تۇرماقتا، بۇلارنىڭ چىرايىدىن ئامالسىزلىق ۋە تېڭىرقاش چىقىپ تۇراتتى، بۇلارنى كۆرۈپ ئىنسانلارنىڭ بەزى ۋاقىتتا تەبىئەت ئالدىدا ھەقىقەتەنمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号