باش بەت

ئۇيغۇر

429يوللانما
4مەستانە

سامسۇڭ سىناش خادىملىرىنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشى چەكلەنگەن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-12 19:05 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى.

11-ئۆكتەبىر سامسۇڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ھەمدە بايراقدار يانفونى Galaxy Note7نى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەستانىلىرىغا نۇرغۇن تۈگۈنلەرنى قالدۇرۇپ قويدى. مەسىلەن: يانفوننىڭ قىزىپ كېتىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى نېمە؟ سامسۇڭنىڭ سىناش خادىملىرى نېمىشقا مەسىلىنى بايقىمىغان؟ سامسۇڭنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش ۋە كارخانا باشقۇرۇش مەدەنىيىتى پۈتكۈل مەسىلىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟

Galaxy Note7 يانفونىنىڭ قىزىپ كېتىشى ئەڭ دەسلەپ تارماق شىركەت SDI تەمىنلىگەن باتارېيەنىڭ كەمتۈكلىكىدىن بولغان دەپ قارالغان ئىدى. باتارېيە ئىچكى قىسمىدىكى مۇسبەت قۇتۇب بىلەن مەنپىي قۇتۇپ ياي بۇلۇڭغا ئۆزئارا بەك يېقىنلىشىپ كەتكەندە ئاسانلا قىسقا تۇتۇشۇش يۈز بېرىدۇ. باتارېيەنىڭ ئىزولياتور تېشىلگەن چاغدىكى توك بېسىمى ۋە مەنپىي قۇتۇب سىرىدىمۇ يىتەرسىزلىك بار.

كورېيە ئېلىكتىر تەتقىقات ئورنى زامانىۋىي باتارېيە مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى پارك چۇل-ۋان (Park Chul-wan)نىڭ دېيىشىچە، ھازىردىن قارىغاندا باتارېيە زىيادە قىزىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەمەستەك قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن سامسۇڭدىكى نەچچە يۈزلىگەن سىناش خادىملىرى مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تاپالمايدۇ؟ بۇ بەلكىم ئەرز ۋە چاقىرتىش قەغىزىنىڭ ئەندىشىسىدىن بولسا كېرەك: سامسۇڭ سىناش خادىملىرىنى تورسىز پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئېلخەت ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. سامسۇڭنىڭ ئىنژىنېرلىرى پارتلاشنى كۆچۈرەلمەيدۇ، شۇنداقلا قانداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. شىركەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىگەن نامسىز ياللانما خادىمنىڭ دېيىشىچە، سامسۇڭنىڭ ئىچكى قىسىم خىزمىتى ھەربىي تۈزۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇيرۇق بويىچە ئىش قىلغۇچىلار خىزمەت تەپسىلاتىدىن ئىنتايىن ئاز خەۋەردار بولىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号