باش بەت

خالمۇرات روزى

847يوللانما
16مەستانە

رىمدا «تىنچلىق لوڭقىسى» خەيرى-ساخاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-13 21:25 0 ئىنكاس چۈشتى

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

 10-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، ئىتالىيە پايتەختى رىمدا «تىنچلىق لوڭقىسى» تېمىسىدىكى بىر مەيدان خەيرى-ساخاۋەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مارادونا، رونالدىنھو، توتتى، ۋېرون قاتارلىق داڭلىق توپچىلار بۇ مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئاخىرىدا رونالدىنھو باشچىلىقىدىكى ئاق كىيىملىكلەر كوماندىسى 4:3 نەتىجە بىلەن مارادونا ۋە توتتى باشچىلىقىدىكى كۆك كىيىملىكلەر كوماندىسىنى يەڭدى.

 مۇسابىقە باشلىنىپ 1-مىنۇتتا، مارادونا ماۋرىغا توپ تاشلاپ بەردى، ماۋرى ياردەمچى پاس بېرىپ، سابىق ئۇدىنېس ھۇجۇمچىسى دىناتالې ئاۋۋال بىر توپ كىرگۈزدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئاق كىيىملىكلەر كوماندىسىدىن كانوۋتى كاللا توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 22-مىنۇتتا، مارادونا ياردەمچى پاس بېرىپ، توتتى بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىدىن كېيىن توتتى كۈلۈپ تۇرۇپ: «مارادونا ماڭا ياردەمچى پاس بەردى، ئەمدى چېكىنسەممۇ ئارمىنىم قالمىدى» دېدى. 34-مىنۇتتا، ئاق كىيملىكلەر كوماندىسىدىن بويان بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان 2-2 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

 ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە تۈگەپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىش جەريانىدا مارادونا بىلەن ئارگېنتىنانىڭ سابىق توپچىسى ۋېرون مەيداندا «گەپ تالىشىپ» قالدى.

ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئۇلارنىڭ مەيداندىكى دىئالوگى مۇنداق بولغان:

ۋېرون: مەن ھەممىدىن قالتىس!

مارادونا: مەن سەندىنمۇ قالتىس، كونا پېرىخون (ۋېروننىڭ پۇتبول ساھەسىدە پېرىخون دەپ نامى بار)

ۋېرون: تولا كۈلگۈمنى كەلتۈرمە!

مارادونا: ساڭا چاقچاق قىلمىدىم، ئۆزۈڭ ئاۋۋال ئەلپازىڭنى يامان قىلىپ ئالدىمغا كەلدىڭ!

يەنە بىر توپچى ماۋرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىش ئۆتكەندىن كېيىن، مارادونا بىلەن ۋېرون كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ئۆز ئارا چاقچاقلىشىپ ئولتۇرغان. بەلكىم بۇمۇ ئارگېنتىنالىقلارنىڭ بىر-بىرىگە چاقچاق قىلىش ئۇسۇلى بولسا كېرەك.

كېيىنكى يېرىم مەيداندا كىرىسپو بىلەن بۇردىسو بىردىن توپ كىرگۈزۈپ نەتىجە 3-3 بولدى، ئاخىرىدا ئاق كىيملىكلەر كوماندىسىدىن كاۋىناگى بىر توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈردى.

ئىككى تەرەپتىن غوللۇق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشكەنلەر تىزىملىگى:

ئاق كىيىملىكلەر: بىسارى(ۋاراتا)، زامبىروتا، ماركېس، سانچېز، ئابىدال؛ داۋىدىس، ۋېرون، بويان، رونالدىنھو؛ كىرىسپو، كانوۋتى

كۆك كىيىملىكلەر: موندىراگۇن(ۋاراتا)، كافۇ، ئالدايىر، بۇردىسو، كاندېلا؛ تاددېي، كابونى، ماۋرى؛ مارادونا، دىناتالې، توتتى

مۇسابىقە نادىر رەسىملىرى 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号