باش بەت

شەرىفە

812يوللانما
27مەستانە

تۆت گۇمپا شاھىنىڭ سابىق ئايالى بىلەن ئۆتكەن نىكاھ تۇرمۇشى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-14 11:24 0 ئىنكاس چۈشتى


چېڭ لوڭ، لى ليەنجيې، جېن زىدەن، خوڭ جىنباۋ. بۇ تۆت نەپەر گۇمپا چولپىنىنىڭ ھەر بىرىنى گۇمپا شاھى دېيىشكە بولىدۇ. پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، دۆلەت سىرتىدىمۇ ئۇلارنىڭ نام-شۆھرىتى ناھايىتى يۇقىرى. گەرچە بۇ تۆتەيلەننىڭ ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى ئۇتۇق نەتىجىلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھېسىيات جەھەتتە ھەممىسىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى بار. يەنى ھەممىسىنىڭ تىلغا ئېلىشقا تىلى كۆيىدىغان ياخشى بولمىغان ئىشلىرى بار. ئۇلارنىڭ مەشھۇرلۇقى، رومانتىكلىقى ۋە ئويۇنغا ئامراقلىقى ئىلگىرى ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن ئاياللارنى بۈگۈنكى كۈندە ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قويغان. چېڭ لۇڭ ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ۋۇ چىلى، لى ليەنجيې ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى خۇاڭ چيۇيەن، جېن زىدەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى لياڭ جىڭسى، خوڭ جىنباۋ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى ساۋ ئېنيۈ، بۇ سابىق بىر جۈپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھالدا بىر مەزگىللىك ئورتاق مۇھەببەت ۋە نەپرەت تارىخى بار.  

ۋۇ چىلى


17 يىل بۇرۇن چېڭ لوڭنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە، ۋۇ چىلى ۋە چېڭ لوڭ ئۆز-ئارا تونۇشقان، تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغان. ئەمما ئۇ چاغدا چېڭ لوڭ ئاللىقاچان لىن فېڭجياۋ بىلەن توي قىلىپ بولغان ئىدى، ئوغلى فاڭ زۇمىڭمۇ ئاللىقاچان 17 ياشقا كىرىپ بولغان ئىدى. گەرچە ۋۇ چىلى كېيىن چېڭ لوڭنىڭ بالىسىغا قورساق كۆتۈرگەن ھەمدە قورسىقىدىكى بالىسى ۋۇ جولىننى تۇغۇشتا چىڭ تۇرغان ۋە بۇ ئارقىلىق چېڭ لوڭنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان. ئەمما ئىش ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي، چېڭ لوڭنىڭ مەشھۇر سۆزى بولغان: «مەن جاھاندىكى ھەممە ئەركەك سادىر قىلىشى مۇمكىن بولغان خاتالىقنى سادىر قىلدىم» دەپ، ۋۇ چىلى ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ ھاياتىدىن غايىپ بولغان.

كېيىن ۋۇ چىلى ئۆزى يالغۇز قىزىنى 17 يىل باققان، ئەمما چېڭ لوڭ ھازىرغا قەدەر ۋۇ جولىننىڭ ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تەن ئېلىپ باقمىدى. چېڭ لوڭنىڭ تەن ئالماي تۇرۇۋېلىشى بىلەن ۋۇ چىلى ناھايىتى زور ئازابقا دۇچ كەلدى. 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە زەھەر ساقلىغانلىقى ۋە 15 ياشلىق قىزىنى خورلايدىغانلىقى خەۋىرى تارقالدى. 14-چېسلا بۇ ئائىلىدىكى تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە ئاشكارىلاندى: ۋۇ جولىن ئانىسىنىڭ ھالىتىگە چىدىماي، ساقچى چاقىرىپ ئانىسىنى قولغا ئالدۇردى. ۋۇ چىلىن تېلېۋىزىيە زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا «بالىسىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىگەنلىكىگە پۇشايمان قىلدى». 2015-يىلى 4-ئايدا قىزى ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئەمما ئانا قىز ئارىسىدىكى مەسىلە ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىدى. ئاخىرىدا ۋۇ جولىن يەنە بىر قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا دوستلىرىنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ئانا قىز ئىككىيلەن ئاخىرى يارىشىپ قالدى.


خۇاڭ چيۇيەن


خۇاڭ چيۇيەن 7 ئايلىق ھامىلىدار ۋاقتىدا لى ليەنجيېگە ئەگىشىپ ئامېرىكا لوس ئانجېلىسقا بېرىپ تەرەققىي قىلماقچى بولدى. ئۇلار قەرز ئېلىپ شەھەر ئەتراپىدىن ئۆي سېتىۋالدى. لى ليەنجيې شۇ جايدا گۇمپا ئۆگەتتى ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلىدى. خۇاڭ چيۇيەن بولسا مۇھەببەتنى دەپ تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىندى ۋە پۈتۈن زېھنى بىلەن ئائىلىگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، بالىسىنى بېقىشنى تاللىدى. ئامېرىكىدىكى ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى كەينى-كەينىدىن دۇنياغا كەلدى، بۇ چاغدا خۇاڭ چيۇيەن ئەمدىلا 26 ياش ئىدى.

خۇاڭ چيۇيەن ئاجراشقاندىن كېيىن نېرۋىسىدىن مەسىلە چىقتى. بەختكە يارىشا نۇرغۇن دوستلىرى ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلدى، ئۇنىڭغا تەسەللىي بەردى، شۇندىلا ئۇ ئەسلىگە كەلدى. گەرچە بەزىلەر ئۇنىڭغا ئۆچ ئېلىش تەكلىپى بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ ھەممىنى رەت قىلدى. دوستلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھۆسن تۈزەش ئورنى ئاچتى ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ياتتى. بۇ ئۇدا 10 يىل داۋاملاشتى. كېيىن ئۇ دوستى بىلەن ساتىراشخانا ئاچتى، خىزمىتى مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئۆي ئىجارىگە ئالدى، يەنە لايىقمۇ تاپتى. ئۇنىڭ لايىقى ئاشخانا خوجايىنى ئىدى. ئاخىرى ئۇ ئىككىنچى قېتىم ياتلىق بولدى ۋە ئېرى، بالىلىرى بىلەن بىللە يەنىلا ئىجارە ئۆيدە تۇردى. 

لياڭ جىڭسى

شياڭگاڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2013-يىلى جېن زىدەن ۋە ئىلگىرىكى ئايالى لياڭ جىڭسى ئىككىسىنىڭ 18 ياشلىق ئوغلى جېن ۋېنچاۋ ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، جېن زىدەننىڭ ئىلگىرىكى ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ جېن زىدەنگە تېلېفون قىلىپ ئوغلىنى كۆرۈپ كېتىشنى ئېيتقان. جېن زىدەن خىزمىتىنى باھانە قىلىپ كېلىشنى رەت قىلغان. جېن ۋېنچاۋ دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە ياتقان، بۇ جەرياندا جېن زىدەن ئەھۋال سوراپمۇ قويمىغان.  


ساۋ ئېنيۈ


خوڭ جىنباۋنىڭ ئالدىنقى ئايالى، كورېيەلىك ساۋ ئېنيۈ ھەققىدە ئاخبارات ۋاستىلىرى كۆپ خەۋەر قىلمايدۇ. خوڭ جىنباۋنىڭ ئۈچ ئوغۇل بىر قىزىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىلگىرىكى ئايالىدىن تۇغۇلغان. ساۋ ئېنيۈ ناھايىتى ئادەتتىكى بىر ئايال، شياڭگاڭدا ياشايدۇ. ئىلگىرى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭ شېن دىيەنشىيا بىلەن كوچىدا بىللە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号