باش بەت

saparkul

1000يوللانما
1مەستانە

گېرمانىيە بىرلەشمىسى 7-ئايلانما: فرانكفورت 2:2 بايرېن مىيۇنخېن

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-15 23:38 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 21:30دە ئوينالغان گېرمانىيە بىرلەشمىسنىڭ 7-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى مېھمان مەيداندا فرانكفورت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئالابا پاس چىقىرىپ، روبېن بىر توپ ئۇردى، كېيىن فرانكفورتدىن خۇسىتى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا كىمىچ توپ ئۇرۇپ بايرېن مىيۇنخېن يەنە ۋاقتىنچە ئالدىغا ئۆتتى، ئارقىندىنلا چاندېلىر پاس چىقىرىپ، فابىئان توپ ئۇرۇپ يەنە نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. ئاخىرىدا نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي بايرېن مىيۇنخېن 2:2 نەتىجىدە فرانكفورت كوماندىىسى بىلەن تەڭلىشپ قالدى. 

مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدا، ئالابا سول يولدىن چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاسلىدى، روبېن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 0:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 43-مىنۇتىدا، فرانكفورت ئەزاسى سول يولدىن چەكلەنگەن رايون ئالدىغا پاسلىدى، خۇسىتى توپنى ئېلىپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشۈردى. مۇسابىقىنىڭ 62-مىنۇتىدا، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىدىن كىمىچ بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1:2گە ئۆزگەرتتى. بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى يەنە ۋاقتىنچە ئالدىغا ئۆتتى. مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا، ھىرگوتا توپنى چەكلەنگەن رايوننىڭ سول تەرىپىگە بۆلۈپ بەردى، چاندېلىر توپنى ئالغاندىن كېيىن قاپقا ئالدىغا پاسلىدى، فابىئان توپنى كۆكرىكى بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى يەنە بىر قېتىم تەڭلەشتۈردى. ئاخىرىدا ھەر ئىككى تەرەپ شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولماي، بايرېن مىيۇنخېن كوماندىىسى مېھمان مەيداندا 2:2 نەتىجىدە فرانكفورت بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 

بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تېخنىكا سىتاسىتكىسى:

ئىككى تەرەپ توپچىلىرىنىڭ ئېرىشكەن نومۇرى:

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号