باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

بان كىمون ھايتىغا بېرىپ قارا بوران ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-16 12:35 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى 16-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 15-ئۆكتەبىر ھايتىغا يېتىپ بېرىپ، بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى كۈچلۈك قارا بوران «Matthew» پەيدا قىلغان ھايتىدىكى ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى.

ھايتى زۇڭلىسى چارلېس پورت-ئوپرىنس خەلقئارا ئايرودومىغا بېرىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى ھەم بان كىمونغا ھەمراھ بولۇپ تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان جەنۇبتىكى شەھەر لېس كەيستىكى قىسمەن رايونلارنى بوشلۇقتىن تەكشۈردى.

ئاندىن بان كىمون بۇ شەھەردىكى بىر ۋاقىتلىق تۇرالغۇ رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىلەن قىسقا پاراڭلاشتى ھەم ئۇلارغا ب د ت نىڭ مەدىتىنى بىلدۈردى. بان كىمون ب د ت ھايتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق بىلەن بىللە قارا بوران ئاپىتىگە تاقابىل تۇرىدۇ، دېدى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا كۈچلۈك بوران Matthew ھايتىنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىي شىمال رايونىغا ھۇجۇم قىلىپ، 500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھازىرغىچە تەخمىنەن 170 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي-ماكانى يوق، ۋاقىتلىق تۇرالغۇلاردا تۇرۇۋاتىدۇ.

بان كىمون بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا نيۇيوركتا ھايتىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر ۋە يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، بىر قىسمىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ ھايتىدا تەخمىنەن 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مۇھتاجلىقىنى مۆلچەرلىگەن. شۇڭا، ب د ت جىددىي مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، 120 مىليون ئامېرىكا دوللىرى غەملەپ كەلگۈسى ئۈچ ئايدا ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلغان.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号