باش بەت

ئادىل

5097يوللانما
0مەستانە

19-ئۆكتەبىر سەھەردە تەييار ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى قوزغىتىلىدۇ

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-17 21:36 0 ئىنكاس چۈشتى

ماشىنا ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى (چارشەنبە) 00:00دە يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەييار ماي پارچە سېتىش باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى قوزغىتىلىدۇ. خەلقئارا ماي باھاسى مۇشۇ ھەپتىدە جۇغلانما %1.1 ئۆستى، ھەم تۆت ھەپتە ئۇدا ئۆسۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، 19-ئۆكتەبىر دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي پەرچە سېتىش باھاسى يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈشنى كۈتىۋالىدۇ، مۆلچەردە ئۆسۈش دائىرىسى 20801 يۈەن/توننىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ يىل ئىچىدە يەتتىنچى قېتىم تەييار ماي باھاسىنى ئۆسۈشى ھېسابلىنىدۇ.

10-ئايدىن بۇيان، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى ئىشلەپچىقىرىشنى توڭلىتىش يىغىنى ۋە ئامېرىكا خام نېفىت زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەش تەسىرىگە ئۇچراپ بىۋاستە خەلقئارا نېفىت باھاسىنى ئۇدا ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇ سەۋەبتىن كېيىنكى نۆۋەتلىك ماي باھاسىنى تەڭشەشتە ئۆسۈش ئېھتىماللىقى چوڭ نىسبەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك تەييار ماي باھا كۆرسەتكۈچى 628.04، ئۆسۈش نىسبىتى %2.66 بولدى، مەملىكەتلىك تەييار ماي باھا كۆرسەتكۈچى داۋاملىق ئۆستى. 

كۆپلىگەن ئورگانلار، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە خام نېفىت قەرەللىك مال ئىشلەپچىقىرىشنى توڭلىشى كېلىشىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۈزلۈكسىز ئۆستى، 10-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە شۇ نۆۋەتلىك تەڭشەش ھەپتىلىكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە خان نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش نىسبىتى %9.7 بولدى، دۆلەت ئىچى تەييار ماي باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسى 310 يۈەن/توننا ئەتىراپىغىچە تەڭشەلدى. ئەمما باھا تەڭشەش كۆزنىكىنى قوزغىتىشقىچە بولغان ئارىلىق يەنىلا بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىقتىن، خەلقئارا خام نېفىتنىڭ يۈزلىنىشى تەييار ماي باھاسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەڭشەش دائىرىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号