باش بەت

نۇر فىلىم

1277يوللانما
143مەستانە

ئەلنۇرى «يېشىل يېمەكلىك A دەرىجىلىك مەھسۇلات» ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-20 13:31 0 ئىنكاس چۈشتى


ئەلنۇرىدىن خوش-خەۋەر

شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تەبىئىي يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۇزۇن يىللىق توختىماي ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، بەشتىن خالىي ئەلنۇرى ئۇنلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ۋە نازارەت قىلىشىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتۈپ -2016يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو يېشىل يېمەكلىك تەرەققىيات مەركىزى تەرىپىدىن يېشىل يېمەكلىك A دەرىجىلىك مەھسۇلات دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى .

 شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىستىمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاساسى يېمەكلىك بولغان ئۇننى تەبىئىلەشتۈرۈش ۋە ئورگانىكلاشتۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دۆلىتىمىز بويىچە تەبىئىي ئۇننىڭ بەشتىن خالى بولۇش ئۆلچىمى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرادا پىششىقلاپ ئۇندىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقنىڭ ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ، ئىستىمالچىلارغا ساغلاملىقنى دوختۇرخانىدىن ئەمەس ئاساسى يېمەكلىكنى تەبىئىيلەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشتىن باشلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى كارخانا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەلنۇرى مەھسۇلاتلىرىغا يېشىل يېمەكلىك ئېتىراپنامىسىنى بېرىشى ئەلنۇرى بەشتىن خالىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەبىئىيلىكىگە بېرىلگەن دەلىلى ۋە ئەلنۇرىلىقلارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا بېرىلگەن مۇكاپاتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەلنۇرى شىركىتى نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەلەپلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئورگانىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى جىددىي ئىشلىمەكتە.

 


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号