باش بەت

نۇر فىلىم

1271يوللانما
473مەستانە

نۇر تورى ئىشتىن سىرت خەۋەر تەرجىمانى قوبۇل قىلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-12-30 11:01 73 ئىنكاس چۈشتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇر تورى ئوقۇرمەنلىرى:

ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان نۇر تورىنى قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ بەرگىنىڭلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز. سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئاستىدا نۇر تورى تېخىمۇ نۇرلاندى ھەم بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ نۇرلانغۇسى. بىزمۇ بۇنىڭدىن كېيىن نۇر تورىنى تېخىمۇ مۇكەممەل، تېخىمۇ سەرخىل قىلىشقا تىرىشىمىز. 

نۇر تورى تەرجىمانلار گۇرۇپپىسى ئىشچى-خىزمەتچى، ئىستۇدېنت قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملاردىكى كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپا. تەرجىمانلىرىمىز خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە. مۇشۇنداق ئەھۋالدا كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىز خاتالىقنى بايقاپ، ئىنكاس قالدۇرۇپ تۈزىتىشىمىزگە ياردەم بەردى، بۇ جەھەتتىنمۇ نۇر تورى ئوقۇرمەنلەردىن كۆپ خۇرسەن. مەقسەتكە كەلسەك، نۇر تورى ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدىن نۇر تورىغا ئىشتىن سىرت خەۋەر تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغان خادىملارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ بۇ ئۇچۇرنى چىقاردۇق. خەۋەرلەرنىڭ سەرخىل، مۇكەممەل بولۇشى ئۈچۈن نۇر تورىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدىغانلار سەھىپە تۈرى بويىچە تۆۋەندىكى تەھرىرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ سىناققا قاتناشسا بولىدۇ.

كەڭ نۇرداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بوللىۋود، ئۆزبېكچە تاماشا خەۋەرلىرىنى كۆپرەك سۇنۇش مەقسىتىدە ھىندىستان، ئۆزبېكىستان چولپانلىرى، كىنو-فىلىملىرىگە تونۇشى چوڭقۇر، قىزىقىشى بار چەتئەل تىلى تاماشا خەۋىرى تەرجىمانى قوبۇل قىلىمىز. چەتئەل تىلى تاماشا خەۋىرى خەۋەر ھەققى ئادەتتىكى تاماشا خەۋىرىگە قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى بېرىلىدۇ. (تاماشا قانىلى تەھرىرى: QQ:834115283) مەزكۇر چ چ نى قوشۇپ سىناققا قاتناشسىڭىز بولىدۇ. 

باشقا قاناللاردىن تەرجىمان بولغۇسى بارلار تۆۋەندىكى چ چ لارنى قوشۇپ سىناققا قاتناشسىڭىز بولىدۇ.

تېخنىكا قانىلى تەھرىرى:  QQ:1720328598

ئىقتىساد، ماشىنا قانىلى تەھرىرى:  QQ:1615638049

تەنتەربىيە قانىلى تەھرىرى:  QQ:1033863491

شىنجاڭ، جەمئىيەت قانىلى تەھرىرى :  QQ:2269391034

خەلقئارا، تاماشا قانىلى تەھرىرى:  QQ:834115283

نۇر تورىغا ھەر چارشەنبە كۈنى ئىشتىن سىرت تەرجىمان قوبۇل قىلىنىدۇ. سىناققا قاتنىشىشقا تەييارلىقى پۈتكەنلەر كومپىيۇتېردا چ چ غا چىقىپ ئاندىن سىناققا قاتناشسا بولىدۇ.

قوبۇل قىلىش ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:00~11:30، چۈشتىن كېيىن 2:00~5:00

QQنى قوشقاندا بۇ ئۇچۇرنى نۇر تورىدىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىڭ. (تەھرىر سىزنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە مەلۇم بىر بۆلەك خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۆلچەمگە لايىق بولسا شۇ ھامان قوبۇل قىلىنىپ خىزمەتنى باشلاپ كېتىسىز، QQ غا يانفوندا چىقماي كومپىيۇتېردا چىقىپ ئاندىن سىناققا قاتنىشىڭ، تەرجىمانلىق تەجرىبىسى بار، مەزمۇن ھەم ئىملا جەھەتتىن ئۆلچەمگە توشىدىغانلار قوبۇل قىلىنىدۇ). 



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
  • ✨قەلبىم✨2 ھەپتە ئىلگىرى

    بولسا چوڭ ماشىنا ئۇچۇرى قاتناش قانۇنى توغۇرلۇق كۆپرەك يوللىساڭلار

  • قۇياش قىزى2 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن ھىكايە ،سىناريەنى خىلى جىق يازغان ئىدىم، ئەدەبىيات سەھپىسىگە چىقىراي دىگەن ئىدىم، لىكىن بۇ سەھىپىگە ئادەم قۇبۇل قىلمايدىكەنسىلەر ئەمەسمۇ

  • گۈللالە3 ھەپتە ئىلگىرى

    خەنزۇچە خەۋەر تەرجىمانى قوبۇل قىلمامدۇ؟مەن چەتئەل تىلى بىلمەيمەن ، خەنزۇتىلىنى تەرجىمە قىلالايمەن ،ئۆزۈم ئاىلە ئايالى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىمەن ،باشقا قىلىدىغان ئىشىم يوق .مەن سىناپ باقسام بولامدۇ؟

  • جەسۇر جەڭچى3 ھەپتە ئىلگىرى

    قانۇن توغرىسد ئايرىم سەھىپە ئ‍اچساڭلا مەن ناھايىتى خوش بۇلاتتىم قانۇن ئ‍ىڭمىز ناھايىتى كۈچەيگەن بۇلاتتى

  • رومەن رىيگىنس1 ئاي ئىلگىرى

    wwe توغىرلىق بىر سەھىپە ئاچساڭلار ،بوپتىكەن

  • mhd1 ئاي ئىلگىرى

    چېنىقىشقا ئائىت مەزمۇنلانى كۆپەيتسەڭلا

  • يۇلتۇز21 ئاي ئىلگىرى

    يەنە بىر ئىنكاسىم مەخسۇس پىسخىكا تۇسالغۇلارنى يېڭىدىغان سەھپە ئاچساڭلار ،پىسخىكا ساۋاتلرىنى كۆپرەك چۈشەنسەك ،

  • Talk°1 ئاي ئىلگىرى

    نۇر تورىدا ئەڭ قىزىقدىغنىم سىلەرنىڭ يازغان ئىنكاسىڭلار نۇرداشلار، قويماي كۆرۈپ چىقىمەن…

  • bilgin1 ئاي ئىلگىرى

    مەن نۇر تورىنىڭ تېخىمۇ تېز يېڭىلىنىپ تۇرۇشىنى ھەم ،تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  • مىھمان1 ئاي ئىلگىرى

    پىسخىكا توغۇرلۇق كۆپرەك مەزمۇن يوللىغان بولساڭلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号