باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

ئىنفىنىتى تۇنجى توكلۇق ماشىنىنى چىقىرىشنى پىلانلىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-24 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورىنىڭ خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ماشىنا خەۋەرلىرى» ياۋروپا نۇسخىسىنىڭ 10-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى ئىنفىنىتى تۇنجى توكلۇق ماشىنىنى چىقىرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن جۇڭگودا بازارغا سېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىنفىنىتى نۆۋەتتە جۇڭگودا توققۇز خىل نۇسخىدىكى ماشىنىنى سېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش خىلى SUV ماشىنا، تۆت خىلى پىكاپ. ئالتە خىل ماشىنسىى ئەنئەنىۋى بېنزىن يېقىلغۇلۇق ماشىنا، قالغان ئۈچ خىلى ئارىلاش ماتورلۇق ماشىنا. ئىنفىنىتىنىڭ باش دىرېكتورى رولاند كرۇگېر (Roland Krueger) ئالدىنقى ھەپتە شىياڭگاڭدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگونى ئىنفىنىتى توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ تۇنجى سېتىلىش بازىرى قىلىشنى ئويلىشىمىز. بىز ئىچكى قىسىمدا ئىزچىل تۈردە توكلۇق ئاپتوموبىلنى چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.»

ماتېرىيال سۈرەت


ئۆتكەن يىلى، ھۆكۈمەەت توك قاچىلاش ئەسلىھەسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى ھەمدە ماشىنا سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولغاچقا، جۇڭگو ئامېرىكىدىن ھالقىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توكلۇق ئاپتوموبىل بازىرىغا ئايلاندى. تېسلا، BMW قاتارلىق ھەشەمەتلىك ماشىنا كارخانىلىرى جۇڭگو بازىرىغا تايىنىپ توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا. 

2012-يىلى، ئىنفىنىتى ساپ توكلۇق پىكاپى بولغان LE ئۇقۇم ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى كېچىكتۈردى. كرۇگېر چۈشەندۈرۈپ: «شىركەت ھازىر زېھنىنى ئارىلاش ماتورلۇق ماشىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، بۇ خىل ماشىنىنىڭ ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسىنى يەنىمۇ ئۇزارتىشقا قارىتىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ئانا شىركەت نىسساننىڭ ماشىنىلىرى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى رېنونىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى قوللىشىغا تايىنىپ، توكلۇق ئاپتوموبىلنى ناھايىتى تېزلا بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

بۇ يىل، ئىنفىنىتىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى. ئالدىنقى توققۇز ئايدىكى سېتىلىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئېشىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى %7لىك ئېشىش نىسبىتىدىن تۆۋەن بولدى. ئوخشاش مەزگىلدە، رىقابەتچىسى كادىلاكنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38، لىنكولىننىڭ سېتىلىش مىقدارى بولسا %191 ئاشتى.

2012-يىلى، چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا يەنىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ئىنفىنىتىنىڭ باش ئىشتابى شىياڭگاڭغا ماكانلاشتى. بۇ شىركەت 2020-يىلىدىن ئىلگىرى يەرشارىدىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ %10تىنى ئىگىلەيمەن دەيدىكەن، تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدۇ. 

كېيىنكى ئايدا، ئىنفىنىتى جۇڭگوغا QX30 SUV ماشىنىنى كىرگۈزىدۇ، بۇ ماشىنىغا 1.6لىك ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى ئاز بولغان ماشىنىلارنىڭ سېتىۋېلىش بېجىنىڭ يېرىمىنى كېمەيتىش سىياسىتىگە دەل توغرا كەلدى. كرۇگېر بۇ ماشىنىنىڭ بۇ يىل ئىنفىنىتىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يىل QX30 ئاپتوموبىلى بۇ ماركىنىڭ غەربىي ياۋروپا بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارىنى %155 ئاشۇردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号