باش بەت

نۇسرەتگۈل

8168يوللانما
123مەستانە

سېمىز بولغاچقا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنمىغان ئايال رېژىسسور ئىشلىگەن فىلىم داڭق قازاندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-24 19:46 0 ئىنكاس چۈشتى

ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «يامغۇردا يۇيۇنسام» ناملىق فىلىمنىڭ رېژىسسورى گۈلتەن تارانچ سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتكە قوبۇل قىلىنمىغانىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بانكىدىن قەرز ئېلىپ بۇ فىلىمنى ئىشلەپ چىقتى.

ئۆز ئالدىغا فىلىم ئىشلەشنى قارار قىلغان گۈلتەن تارانچ فىلىم ئىشلەشكە كېرەكلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزى مىڭ بىر جاپادا يىغقان پۇللىرى بىلەن ئالغانىدى. بىراق، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ئوغرى بۇ ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوشۇپ ئۇنىڭ «ئارزۇسى»نىمۇ ئوغرىلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق خىزمەت ئىزدەش سەپىرىنى باشلىدى. ئەمما، بۇ قېتىممۇ يەنىلا قوبۇل قىلىنمىدى.

ئۇ ئاخىرى يەنە بىر قېتىم غەيرەتكە كېلىپ، ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنى بانكىدىن قەرز ئالغان پۇلغا سېتىۋالدى. 18 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېلىنغان بۇ فىلىم ئۇنىڭ تارتقان جاپاسىغا يارىشا خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا «ئەڭ ياخشى فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号