باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10324يوللانما
780مەستانە

183 كىلوگىراملىق ئايالنىڭ ئىلگىرىكى توي كۆڭلىكىنى ئەر-ئايال كىيەلەيدىغان بولدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2016-10-26 20:42 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىلىق ئايال Beckah Henning ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل تىرىشپ ئورۇقلاشنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ. ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۇ ھەتتا ئاشقازاننى كىچىكلىتىش ئوپېراتسىيەسىمۇ قىلدۇرغان. توي قىلغان 16 يىللىق خاتىرە كۈندە، ئۇ ئېرى بىلەن 16 يىل ئىلگىرىكى توي كۆڭلىكىنى كىيىپ، ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بەل ئايلانمىسى 60 ئىنگىلىز سۇڭى (152 سانتىمېتىر) كېلىدىغان Beckahنىڭ توي كۆڭلىكىگە ئەر-ئايال ئىككەيلەن بىمالال سىغالايدىغان بولدى.

Beckahنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋاقتى 403 قاداق (تەخمىنەن 182.8 كىلوگىرامغا باراۋەر) كېلەتتى. ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن، ھەر خىل ئاماللارنى قوللىنىپ، تېزىرەك ئورۇقلاشنى ئويلىدى. ئاشقازاننى كىچىكلىتىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئۇ 130 قاداق (تەخمىنەن 59 كىلوگىرامغا باراۋەر) ئورۇقلىغان بولسىمۇ، بىراق ئوغلى كولېنى يەڭگىگەندىن كېيىن، يەنە قايتىدىن سەمىرىپ كەتتى.

بىر قېتىملىق تاساددىپىي يۈز بەرگەن ئىش Beckahغا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئۇ بىر قېتىم كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا بېرىپ، پەلەك پويىزىغا ئولتۇرماقچى بولغىنىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ ئولتۇرۇشىنى رەت قىلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلانغان Beckah ئۆيىگە قايىتقاندىن كېيىن، ئالتە بەتلىك نەرسە يېزىپ ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. «بەدەن ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن، بۇ تولىمۇ ئادالەتسىزلىك» دېدى ئۇ.

Beckah خۇسۇسىي تىرېنېر تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ يىمەك-ئېچمەك ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. ئۇ بۇ قېتىم ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى 190 قاداققا (تەخمىنەن 86 كىلوگىرامغا باراۋەر) چۈشۈردى.

بىراق بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چۈشىشىگە ئەگىشىپ، بىر قىسم ئاۋارىچىلىقلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تېرە بوشىشىپ يىغىلىش، تېرە قىچىشىش ھەمدە بىر قىسىم تازىلىق مەسىلىلىرى ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىشقا باشلىدى. «گەرچە مەن 200 قاداق ئورۇقلىغان بولساممۇ، بىراق مېنىڭ ئۇ ھالىتىم خۇددى ھامىلدار ئاياللارغىلا ئوخشايتتى» دېدى ئۇ.

ئاخىرىدا ئۇ بىر مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، قورساق قىسمىدىكى قورۇقلارنى يوقاتتى ھەمدە بىلەك، پۇتىدىكى ئارتۇق تېرىلەرنى ئېلىۋەتتى.

توي قىلغىنىغا 16 يىل بولغان خاتىرە كۈندە، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئىلگىرىكى بەل ئايلانمىسى 60 ئىنگىلىز سۇڭىدىكى توي كۆڭلىكىنى كىيىپ باقماقچى بولدى. يەتتە ياشلىق كولې ئۇ سۈرەتنى تارتقان بولۇپ، ئۇ بۇ كۆڭلەڭنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىكەنلىكىگە قاتتىق ھەيران قالدى.

Beckah ئۆزىنىڭ ھىكايسىنى تورغا ئېلان قىلىپ، باشقا ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەرگە ئىلھام ئاتا قىلماقچى بولدى. گەرچە ئۇ نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلەپ ئورۇقلىغان بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەرزىيتتى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئەڭ چوڭ نەتىجە دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. ئۇ ئەمدى خاتىرجەم ھالدا پەلەك پويىزىنى ئوينىيالايدىغان بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号