باش بەت

رۇشەن

2494يوللانما
13مەستانە

80 ياشتىن ئاشقان شيې شيەن ۋە ئۇنىڭ ئۆزىدىن 49 ياش كىچىك قىز دوستى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-27 10:46 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، شياڭگاڭدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى يېشى 80دىن ھالقىغان شيې شيەن تاغىنىڭ مىليون يۈەنلىك ھەشەمەتلىك مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ئۆزىدىن 49 ياش كىچىك قىز دوستى- مودېل CoCo بىلەن بازار ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. سۈرەتتىكى شيې شيەننىڭ بوي- تۇرقى قامەتلىك، ياشانغان بولسىمۇ ساغلام كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇنى ھەقىقەتەن قېرىغانسېرى جۇشقۇن بولۇپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ!

شيې شيەن تاغا ئۆمۈر بويى ئەركىن ۋە رومانتىك ياشىغان، ساناقسىز ئېسىل ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ باققان، ئۇ خېلى بۇرۇنلا نەچچە مىليوندىن ئاشىدىغان مۇشۇ قارا رەڭلىك بېنىزنى ھەيدىگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ سىزىقلىرى بەك ئېسىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. ئۇ فىلىم سۈرەتكە ئالغاندا دائىم قىز دوستى بىلەن بىللە بارىدىغان بولۇپ، قىز دوسىتى دائىم ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ تۇرىدۇ، شيې شيەن بەزىدە ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ قىز دوستىنى بەزلەيدۇ.

شيې شيەن بىر ئۆمۈر ئويۇنغا ئامراق بولۇپ ئۆتكەن بولغاچقا ئىلگىرى نۇرغۇن قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن، ئوغلى شيې تىڭفېڭ بۇرۇن ئىزچىل تۈردە دادىسىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇپ كەلگەن بولسا، كېيىنچە شيې شيەنگە روللس رويىستىن بىرنى سوۋغا قىلغان. گەرچە دادىسىنىڭ يېڭىدىن تونۇشقان قىز دوستىنىڭ يېشى شيې تىڭفېڭنىڭ سىڭلىسىنىڭ يېشى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بولسىمۇ، لېكىن شيې تىڭفېڭ بۇنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شيې شيەن يەنە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر ئايالغا گەپ باشلىغانلىقىنى، لېكىن ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ 20 يىل ئىلگىرى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەن سابىق ئايالى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئىنتايىن كېلىشكەن، ئۆزىنى ئەركىن تۇتىدۇ، ئەزەلدىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پىتنە- پاساتلىرىدىن قورقمايدۇ، گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يۈرەكلىك ھالدا قىز دوستىغا مېھرىبانلىقىنى ئاشكارا قىلالايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号