باش بەت

umutyar

961يوللانما
2مەستانە

ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 10-ئايلانما: غەربىي بىرومۋىچ 0-4 مانچېستېر شەھىرى

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2016-10-30 00:54 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

  2016-يىلى 29-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8:00دە، 2016/17-پەسىللىك ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 10-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان  مۇسابىقە ئوينالدى. مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى مېھمان مەيداندا غەربىي بىرومۋىچ كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسىدىن ئاگۇيرۈ 2 توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە گۇندوغان 2 توپ كىرگۈزدى. ئاخىرى مانچېستېر شەھىرى 4:0 نەتىجىدە غەلىبە قىلىپ، 6 مەيدان غەلىبە قىلالماسلىق قەدىمىگە خاتىمە بەردى.

 

 بۇ ئىككى كوماندا يېقىنقى 15 يىلدا 21 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى 13 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 5 مەيدان مەغلۇپ بولغان. يېقىنقى 5 مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى 2 مەيدان تەڭلەشكەن، 3 مەيدان مەغلۇپ بولغان. غەربىي بىرومۋىچ  كوماندىسى 1 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 1 مەيدان مەغلۇپ بولغان.

 مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى كوماندا كەسكىن رىقابەتلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا، مانچېستېر شەھىرىدىن گۇندوغان پاس چىقىرىپ، ئاگۇيرۈ توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 1:0 بولدى، مانچېستېر شەھىرى ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. مۇسابىقىنىڭ 28-مىنۇتىدا، ئاگۇيرۈ قارشى تەرەپ بېكلىرىنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2:0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. كېيىن قايتا توپ كىرمەي ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 2:0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

 كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا، مانچېستېر شەھىرىدىن ئاگۇيرۈ پاس چىقىرىپ، گۇندوغان بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقە نەتىجىسى 3:0 بولدى. مۇسابىقىنىڭ 90-مىنۇتىدا، دېبرۇينى پاس چىقىرىپ، گۇندوغان يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. نەتىجە 4:0 بولدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، مۇسابىقە مانچېستېر شەھىرىنىڭ 4:0 نەتىجىدە غەلىبە قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. 

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ۋە سەپ شەكلى

مۇسابىقە ئىستاتىستىكا قىممەتلىرى


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号